مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئائىلىدە توك تېجەشنىڭ ئەپچىل چارىسى

2021.09.01 00:02 مەنبە: تىيانشان تورى

1. يورۇتۇش ئەسۋابلىرىدىن توك تېجەش: يالتىراق لامپىنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، كىشىلەرگە بىر خىل يېقىشلىق تۇيغۇ بېرىدۇ، يالتىراق لامپا يەنە ئىشلىتىلىش ئۆمرى ئۇزاق، توك سەرپىياتى تۆۋەن بولۇش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە. ئادەتتە بىر دانە 14 ۋاتلىق يالتىراق لامپىنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى 75 ۋاتلىق لامپۇچكىنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىگە توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يالتىراق لامپىنى لامپۇچكىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەندە، توك سەرپىياتىنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

2. تېلېۋىزوردىن توك تېجەش: تېلېۋىزورنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، سەرپ قىلىدىغان توك سەرپىياتى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. تېلېۋىزورنىڭ ئەڭ يورۇق ھالىتىنىڭ ئەڭ غۇۋا ھالىتىگە قارىغاندا توك سەرپىياتى %50~ %60 كىچە كۆپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تېلېۋىزورنىڭ ئاۋازى قانچىكى يۇقىرى بولسا، سەرپ قىلىدىغان توك سەرپىياتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تېلېۋىزور كۆرگەن ۋاقىتتا، يورۇقلۇق دەرىجىسى بىلەن ئاۋازىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، بەك يورۇق ياكى بەك ئۈنلۈك قىلىۋالماسلىق كېرەك. تېلېۋىزورنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى تېلېۋىزورنى توك مەنبەسىدىن ئايرىۋېتىش كېرەك.

3. توڭلاتقۇدىن توك تېجەش: توڭلاتقۇنى سالقىن ھەم ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئورۇنغا قويۇش، ھەرگىزمۇ ئىسسىقلىق مەنبەسىگە يېقىن ئورۇنغا قويماسلىق كېرەك. مۇنداق قىلغاندا رادىياتورنىڭ (ئىسسىقلىق تارقىتىش ياپراقچىسى) ئىسسىقلىق تارقىتىش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، ئامال بار توڭلاتقۇنى ئېچىش قېتىم سانى ۋە ۋاقتىنى ئازايتىش، توڭلاتقۇنىڭ ئىچىگە يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ سېلىۋالماي، يېمەكلىكلەر ئارىسىدا بەلگىلىك ئارىلىق قويۇپ، سوغۇق ھاۋانىڭ راۋان ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلەتمەكچى بولغان يېمەكلىكلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاۋۋال سوغۇق ساقلاش بۆلۈمچىسىدە ئاستا – ئاستا ئېرىتىۋېلىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا سوغۇق ساقلاش بۆلۈمچىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتكىلى ھەم ئېنېرگىيە تېجەپ، توك سەرپىياتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

4. كىرئالغۇدىن توك تېجەش: كىرئالغۇنىڭ توك سەرپىياتى موتورنىڭ بەلگىلەنگەن قۇۋۋىتى بىلەن ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئادەتتە موتورنىڭ قۇۋۋىتى تۇراقلىق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىر يۇيۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئازايتقان ۋاقىتتا، توك سەرپىياتىنى ئۈنۈملۈك تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. يۇيۇش ۋاقتىنىڭ قانچىلىك بولۇشى ئادەتتە كىيىمنىڭ تۈرى بىلەن كىيىمنىڭ كىر بولۇش دەرىجىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. يىپەك كىيىملەرنى يۇيۇش ۋاقتى قىسقىراق، پاختا تالالىق كىيىملەرنى يۇيۇش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇنراق بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. كىر چايقىغان ۋاقىتتا، ئاۋۋال كىيىمدىكى سوپۇن سۈيى ياكى كىر يۇيۇش پاراشۇكى مازغاپلىرىنى سىقىپ چىقىرىۋېتىپ ئاندىن چايقىسا، كىرئالغۇنىڭ چايقاش قېتىم سانىنى ئازايتىپ، توك تېجەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

5. شامالدۇرغۇچتىن توك تېجەش: ئادەتتە قانىتى چوڭ بولغان شامالدۇرغۇچنىڭ قۇۋۋىتىمۇ چوڭ بولغاچقا، توك سەرپىياتىمۇ چوڭراق بولىدۇ. ئوخشاش بىر خىل شامالدۇرغۇچقا نىسبەتەن، ئەڭ تېز ئايلىنىش ھالىتى بىلەن ئەڭ ئاستا ئايلىنىش ھالىتى ئارىسىدىكى توك سەرپىيات پەرقى ئادەتتە %40 ئەتراپىدا بولۇپ، بىر سائەت تېز ئايلانغاندىكى توك سەرپىياتى ئادەتتە ئىككى سائەت ئاستا ئايلانغان ۋاقىتتىكى توك سەرپىياتىغا تەڭ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، شامالدۇرغۇچنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ تېز – ئاستىلىقى شامالدۇرغۇچنىڭ توك سەرپىيات مىقدارىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ