مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇيقۇڭىز كەلمىسە ئازراق ھاراق ئىچەمسىز؟ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ قېلىشىدىن ئاگاھ بولۇڭ

2021.03.30 14:42 مەنبە: تىيانشان تورى

  ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئۇيقۇ ئۈچتىن بىر قىسىم ۋاقىتنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى-يامانلىقى ئادەمنىڭ ساغلام بولۇش-بولماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئۇيقۇغا مۇناسىۋەتلىك بەزى خاتا قاراشلار ئوخشاشلا دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

  بىرىنچى خاتا قاراش: تېلېۋىزور كۆرگەچ ئۇخلاش تېلېۋىزور كۆرگەچ ئۇخلاش ساغلام كىشىلەر ۋە ئۇيقۇسىدا مەسىلە بارلارغا نىسبەتەن ياخشى ئادەت ئەمەس. ئۇيقۇڭىز كەلسە كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلاڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كارىۋاتقا چىقىپ ئۇيقۇ بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى قىلماڭ.

  ئىككىنچى خاتا قاراش: ھاراق ئىچىش ئۇيقۇغا پايدىلىق كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئۇخلىغاندەك ھېس قىلامدۇ؟ ئىسپىرتنىڭ ئۇخلاشقا بەلگىلىك ياردىمى بار، لېكىن ئىسپىرت ئۇيقۇ سۈپىتىمىزگە زىيان يەتكۈزىدۇ، نورمال ئۇيقۇ قۇرۇلمىسىنى بۇزىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسانلا بالدۇر ئويغىنىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھاراق ئىچىش بار بولغان ئۇيقۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن، يەنە باشقا ئۇيقۇ مەسىلىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئۈچىنچى خاتا قاراش: ئۇخلاشتىن بۇرۇن قاتتىق ھەرىكەت قىلىش ئۇخلاشتىن بۇرۇن قاتتىق ھەرىكەت قىلىش، بەدەننى چارچىتىش ئۇيقۇغا پايدىلىق، بۇ قاراشمۇ خاتا. ئەگەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن قاتتىق ھەرىكەت قىلساق، سىمپاتىك نېرۋىلىرىمىزنىڭ ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، چوڭ مېڭىنى زىيادە ھاياجانلاندۇرۇپ ئۇخلاش جەريانىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  تۆتىنچى خاتا قاراش: كېچىسى ئۇخلىيالماي كۈندۈزى تولۇقلاش كېچىسى ياخشى ئۇخلىيالماي، كۈندۈزى تولۇقلاش؛ خىزمەت كۈنىدە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، ھەپتە ئاخىرىدا تازا ئۇخلاپ تولۇقلاش. ساغلام كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئانچە چوڭ مەسىلە ئەمەس، لېكىن بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. كۈندۈزى ئۇيقۇ تولۇقلاش ئورگانىزملارنىڭ نورمال بىيولوگىيەلىك ۋاقتىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇيقۇنىڭ پۈتۈش قىممىتىنى ئۆرلىتىپ، كېچىسى داۋاملىق ياخشى ئۇخلىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، كېچىچە ئۇخلىمىغان تەقدىردىمۇ، كۈندۈزى ئۇيقۇ تولۇقلاشقا بولمايدۇ، مۇۋاپىق ھالدا بەزى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيقۇنى كەچتە ئۇخلاشقا ئېلىپ قويسا بولىدۇ.

  بەشىنچى خاتا قاراش: خورەك تارتىدىغان ئادەم تاتلىق ئۇخلايدۇ نۇرغۇن ھەمراھلار ئارىسىدا مۇنداق ئاغرىنىشلار بولغان: سىز كەچتە بەك تاتلىق ئۇخلايدىكەنسىز، خورەك تارتىپ مېنى كېچىچە ئۇخلاتمىدىڭىز! ئەمەلىي ئەھۋال شۇكى، كەچتە ئۇخلىغاندا خورەك تارتىش ئادەمنى تاتلىق ئۇخلاتمايدۇ، ئەكسىچە ئەتىسى ئەتىگەندە بېشى ئاغرىش، كۈندۈزى مۈگدەش، دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ھەمراھىنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇزاق مۇددەت خورەك تارتىش يۇقىرى قان بېسىمى، قان شېكىرى نورمالسىزلىقى، تونۇشى زىيانغا ئۇچراش، ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق كۆپ خىل بەدەن مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  ئالتىنچى خاتا قاراش: ئۇيقۇ توسالغۇسىنىڭ ئازابىغا ئۇزاق مۇددەت بەرداشلىق بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئەمما كەسپىي داۋالاش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلماسلىق نۇرغۇن كىشىلەر ئۇخلىيالماسلىقنىڭ كېسەل ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇخلىيالمىغان تەقدىردىمۇ چىداپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇيقۇ توسالغۇسىنىڭ ئادەمگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ. ئۇ بىمارنىڭ روھىنى چۈشۈرۈپلا قالماي، بېشىنى ئايلاندۇرۇپ، كەيپىياتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسا خامۇشلۇق كېسىلىگە تەرەققىي قىلىپ ئۆزىنى تاشلىۋېتىش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۈمىدسىزلىك ۋە دۇنيادىن بىزار بولۇش ئويى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش يەنە تەن ساغلاملىققا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، بولۇپمۇ ئاساسىي يۈرەك قان تومۇر كېسىلى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلى بار كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن، ئۇيقۇ توسالغۇسىنى ياخشىلاشقا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەگەر ئۆزىنى تەڭشەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىسا، چوقۇم مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ كەسپىي دوختۇرلارنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلىش كېرەك. دوختۇرلارنىڭ سىستېمىلىق باھالىشى، داۋالىشىدىن كېيىن، ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ چوقۇم ياخشىلىنىدىغانلىقىغا، ئۇيقۇدىكى توسالغۇلارنىڭ چوقۇم تۈگىتىلىشىگە ئىشىنىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ