مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قىش پەسلىدە تېرىڭىز قۇرغاقلىشىپ قىچىشامدۇ؟

2021.03.30 14:42 مەنبە: تىيانشان تورى

  يېقىندىن بۇيان ھاۋا قۇرغاق، نۇرغۇن كىشىلەر تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە كېلىپ كېسەل كۆرسەتتى، بەزىلىرىنىڭ بەدىنى قىچىشسا، بەزىلىرىنىڭ كالپۇكى يېرىلىپ كەتكەن، يەنە پۇت-قولى يېرىلىپ كەتكەنلەرمۇ بار ئىدى.

  قانداق قىلغاندا تېرە قۇرغاقلىشىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ھەر خىل بىئاراملىقنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئۇنى پەسەيتكىلى بولىدۇ؟ كۈندىلىك تۇرمۇشتا تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

  يۇيۇنۇش قېتىم سانىنى ئازايتىش، يۇيۇنغاندا بەك ئىسسىق سۇ ئىشلەتمەسلىك

  پات-پات يۇيۇنۇپ بەرگەندە تېرىنى قۇرغاق، پاكىز تۇتقىلى بولىدۇ، ئەمما سوغۇق قىش كۈنلىرى، يۇيۇنۇش قېتىم سانىنى مۇۋاپىق ئازايتىش كېرەك.

  ھاۋا سوۋۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالمىشىش ئاستىلايدۇ، بۇ چاغدا تېرىدىن ئاجرىلىپ چىققان ماي ئازىيىپ، تېرىنى قوغداش رولى ئاجىزلايدۇ. بۇ چاغدا بەك قىزىق سۇدا يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ، بەك قىزىق سۇدا يۇيۇنغاندا تېرە ياغ پەردىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، يەنە تېرىنى قىزىتىپ ھەم قىزارتىپ ھەم قىچىشتۇرۇپ، تاتلىغاندا تېرە زەخمىلىنىدۇ.

  يۇيۇنغاندا سوپۇن، گۈڭگۈرت سوپۇن قاتارلىق ئىشقارلىقى بەك كۈچلۈك بولغان تازىلاش مەھسۇلاتلىرىنى ئاز ئىشلىتىش ياكى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، يۇيۇنۇش مەھسۇلاتلىرى تېرىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى كىرلەرنى تازىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىمىيەلىك تەركىبلەرمۇ ئاجىز تېرىلەرنى غىدىقلايدۇ، ئەگەر پاكىز چايقىمىغاندا، قېپقالغان يۇيۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىمىيەلىك تەركىبلىرى تېرىنى تېخىمۇ قۇرغاقلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

  يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىنكى ئۈچ مىنۇت ئىچىدە پۈتۈن بەدەنگە بەدەن مېيى سۈرۈش

  قىش پەسلىدە تېرە قۇرغاقلىشىدۇ، سۇ كەمچىل بولغاچقا، نەملىك ساقلايدىغان، تېرىنى سىلىقلايدىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كەم بولسا بولمايدۇ، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ مىنۇت ئىچىدە پۈتۈن بەدەنگە بەدەن مېيى سۈرۈش كېرەك.

  يۈزنى زىيادە پاكىز يۇيماسلىق كېرەك، تېرىسى سەزگۈرلەرگە نوقۇل ھالدا يۈزنى پاكىز سۇدا يۇيۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز، يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن يۈزدىكى سۇ تەركىبىنى ئالدىراپ سۈرتۈۋەتمەسلىك، ئازراق سۇ قالدۇرۇپ، يۈزنى ئازراق نەمدەپ، يەنە ئازراق يۈز مېيى سۈرۈش كېرەك.

  پۇت قىسمى يېرىلىپ كەتكەن كىشىلەر پۇتنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تېرە سىلىقلاش مېيى سۈرۈش، بولۇپمۇ ئۆكچە يېرىلىش ئېغىر بولغان ئورۇنغا قارىتا، ياخشىلىنىش كۆرۈنەرلىك بولمىغاندا سىرتىغا سۇلفو كىسلاتا مۇكوپولىساخارىد مەلھىمى(磺酸粘多糖乳膏)نى ئىشلىتىپ سىناپ بېقىش، مەلھەم سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇۋاپىق ئۇۋۇلاپ، مەلھەمنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  قىشتا نۇرغۇن كىشىلەر قولىنىڭ يىرىكلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. ئامال بار مۇزدەك سۇدا ۋە زىيادە قىزىق سۇدا قول يۇيۇشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئىلمان سۇدا قولنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، قول ئاسراش مېيى سۈركىگەندە، قول تېرىسىنىڭ قۇرغاقلىشىپ يېرىلىشىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

  تېرىسى ئەسلىدىنلا بىر قەدەر سەزگۈر كىشىلەر دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى كەستۈرۈشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ.

  ھەر كۈنى ئەڭ ئاز بولغاندا 2000 مىللىلىتىر سۇ ئىچىش

  تېرىمۇ سۇ ئىچىشكە موھتاج، بۇ يەردىكى تېرىنىڭ سۇ ئىچىشى ھەر خىل نەملىك ساقلاش جەۋھىرى، سۇ تولۇقلاش جەۋھىرىنىلا كۆرسەتمەستىن، بەلكى ئادەتتە كۆپرەك سۇ ئىچىشنى كۆرسىتىدۇ، ھەر كۈنى ئەڭ ئاز بولغاندا 2000 مىللىلىتىر سۇ ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بۇ يۇمران تېرىنى ساقلاشقا تېخىمۇ پايدىلىق.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ