مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئادەم قانچە قېرىسا، ئۇيقۇسى شۇنچە ئازلامدۇ؟

2021.03.30 14:41 مەنبە: تىيانشان تورى

  ياشانغانلارنىڭ %60ىدە ئۇيقۇ مەسىلىسى بار

  «ئۇيقۇ توسالغۇسى ياشانغانلاردا ئىنتايىن ئومۇملاشقان ھادىسە بولۇپ، تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياشانغانلارنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %60كە يېتىدىكەن» جياڭسۇ ئۆلكىلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى ياشانغانلار تېبابىتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تېڭ شىچاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇيقۇ توسالغۇسى دېگىنىمىز، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇدىن ئويغىنىش رېتىمىدىكى قالايمىقانلىشىش، ئۇيقۇ سۈپىتىدىكى نورمالسىزلىق، شۇنداقلا ئۇيقۇ ھەرىكىتىدىكى نورمالسىزلىق قاتارلىق كىلىنىكىلىق يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بىر چوڭ تۈردىكى ئۇيقۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك بولۇپ، نەچچە ئون خىل كېسەللىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇيقۇ توسالغۇسى ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئۇخلىغاندا نەپەس توسالغۇغا ئۇچراشتۇر».

  ياشانغانلارنىڭ ئاسانلا ئۇيقۇ توسالغۇسىغا ئۇچرىشىدا تېڭ مۇدىر ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئامىللار بار دەپ قارىدى:

  1. بىيولوگىيەلىك سائەتتە ئۆزگىرىش يۈز بېرىش. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بەدەندىكى ئۆستۈرگۈچى ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازىيىدۇ ۋە بەدەننىڭ مېلاتونىن ئاجرىتىپ چىقىرىشى تۆۋەنلەيدۇ، ئادەمنىڭ ئۇخلاش ئەندىزىسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ، كۆپ قىسىم ياشانغانلارنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتى ئالدىغا سۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كەچقۇرۇن سائەت 6~7لەردە ئۇيقۇسى كېلىدۇ، سەھەر سائەت 3~4لەردە ئويغىنىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيقۇ قالايمىقانلىشىپ، تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلىدۇ.

  2. بەدەندىكى ئېنېرگىيەنىڭ خورىشى ئازلايدۇ. ياشانغانلار ئاساسەن پېنسىيەگە چىققان بولغاچقا، جىسمانىي ئەمگەك قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، بەدىنىدىكى ئېنېرگىيەنىڭ خورىشى ئانچە چوڭ بولمىغان ھالەتتە، ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ، ئاسان ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ، بولۇپمۇ چۈشلۈك ئۇيقۇسى بار ياشانغانلار كەچتە تېخىمۇ ئۇخلىيالمايدۇ.

  3. كېسەللىك ياكى دورا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياشانغانلارنىڭ بەدىنىدىكى ئەزالار تەدرىجىي چېكىنىپ، ئاسانلا ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، مەسىلەن: يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بىئاراملىقنىڭ ھەممىسى ياشانغانلاردا ئۇيقۇ توسالغۇسى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى دورىلارنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا، مەسىلەن: بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان قەنت پوستلاق ھورمۇنى، قالقانسىمان بەز ھورمۇنى ھەمدە خلوروپرومازىن قاتارلىق دورىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  4. كېچىسى كىچىك تەرىتى كۆپىيىش. بەزى ياشانغانلاردا مەزى بېزى مەسىلىسى ياكى سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەش مەۋجۇت، كېچىدىكى كىچىك تەرىتى كۆپىيىپ كەتسە، ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۇخلىشى قىيىنلىشىدۇ.

  5. باشقا ئامىللار. ئەتراپ بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ، ئۆي بەك يورۇق بولۇپ كەتسە، ياشانغانلارنىڭ ئۇخلاش مۇھىتى ياخشى بولمايدۇ؛ غەم-ئەندىشە قىلىش، پەرزەنتلىرىنى زىيادە سېغىنىش، پەرزەنتلىرىگە ياردەملىشىپ نەۋرە بېقىش بېسىمى بەك ئېغىر بولۇش ھەممىسى چۈشكۈن كەيپىياتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ياشانغانلارنىڭ ئۇيقۇسىدا مەسىلە كۆرۈلىدۇ.

  بۇ ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئۇيقۇڭىز توسالغۇغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن

  «ئاندا-ساندا ئۇخلىيالمىسىڭىز ھېچقىسى يوق، لېكىن كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىز ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىسا، ئېھتىيات قىلىڭ» دېدى مۇدىر تېڭ شىچاۋ.

  ئۇخلاش قىيىن بولۇش (ئۇيقۇغا كىرىش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كېتىش)؛ ئۇيقۇسى توسالغۇغا ئۇچراش، ئاسان ئويغىنىش (كېچىدە ئويغىنىش قېتىم سانى ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كېتىش)؛ بالدۇر ئويغىنىش؛ ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەنلەش ۋە ئومۇمىي ئۇخلاش ۋاقتى ئازىيىش؛ كۈندۈزلۈك ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ۋە ئۇخلاش تۇيغۇسى كەمچىل بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم، ئۈچ ئاي داۋاملاشسا، ئۇيقۇ توسالغۇسىغا ئۇچرىغان بولىدۇ.

  ئۇيقۇ توسالغۇسىنىڭ زىيىنى ئاز ئەمەس. نورمال ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر كېچىسى يېتەرلىك ئۇخلىيالمىسا، كۈندۈزى يەنە ناھايىتى زور روھىي بېسىم بىلەن خىزمەت، ئۆگىنىش قىلسا، تۇرمۇش كەچۈرسە، ئاسانلا نېرۋا ئاجىزلىقىغا گىرىپتار بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق قاتارلىق پىسخىكىلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئۇزۇن مۇددەت ئۇيقۇ ئازابىنى تارتقان كىشىلەردە كۆپ ھاللاردا يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن: يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك سانجىقى، مېڭە سەكتىسى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ، سالامەتلىككە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ.

  جۇڭيى تېبابىتىدە ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى كۆپ

  غەرب تېبابىتىدە ئۇيقۇسىزلىقنى ئاساسلىقى تەشۋىشلىنىشكە قارشى دورا ۋە ئۇيقۇ دورىسى ئارقىلىق داۋالايدۇ، گەرچە بەلگىلىك ئۈنۈمى بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەت ئىچسە، دورىغا تايىنىۋالىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئېغىز قۇرۇش، كۆپ تەرلەش، يۈرەك سېلىش قاتارلىق ئەكس تەسىرلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ.

  جۇڭيى تېبابىتىدە مۇنداق دەپ قارىلىدۇ: ئۇيقۇسىزلىق يېمەك-ئىچمەكتىن ئىچكى زەخمىلىنىش ياكى كېسەلدىن كېيىن ياشىنىپ قېلىش، زېھىن يېتەرلىك بولماسلىق، خۇدۈكسىنىپ دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قېلىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ، يۈرەك، نېرۋا ئاجىزلاپ كېتىدۇ ياكى خاتىرجەمسىزلىنىدۇ. ئۇيقۇسىزلىققا نىسبەتەن، جۇڭيى تېبابىتىنىڭ نۇرغۇن ئۆزگىچە ئۇسۇللىرى بار. يۈرەكنى تازىلاپ نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدىغان، قاننى قۇۋۋەتلەپ جىگەرنى راۋانلاشتۇرىدىغان جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىدىن باشقا، جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىغا پۇتنى چىلاش، پەللىلەرگە چاپلاق چاپلاش، قۇلاق سۇپرىسى پەللىسىگە ئۇرۇق بېسىش، پەللىلەرنى ئۇۋۇلاش قاتارلىق سىرتقى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ماسلاشتۇرغاندا، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

  بۇ ئادەتلەر ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق

  1. ياخشى ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، ياشانغانلارغا ھەر كۈنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئۇخلاش ۋە ئورنىدىن تۇرۇش، ئىمكانقەدەر ئۇخلاش قانۇنىيىتىنى ساقلاپ، ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمەن.

  2. ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوقۇم كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇش كېرەك، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر قەدەر كەسكىن كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى، ماھارەت مۇسابىقىسى قاتارلىقلارنى كۆرمەسلىك، لىرىك مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ، چوڭ مېڭىنى تىنچ ھالەتكە كىرگۈزۈش كېرەك.

  3.ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەك تويۇپ كېتىش ياكى بەك ئاچ قېلىشتىن ساقلىنىش، غىدىقلاش خاراكتېرىدىكى ئىچىملىكلەرنى، مەسىلەن: قەھۋە، قېنىق چاي ئىچمەسلىك كېرەك، بىر ئىستاكان سۈت ئىچسە، ئۇيقۇغا پايدىلىق.

  4. كۆپ قىسىم ياشانغانلار ھەرىكىتى قولايسىز بولۇش سەۋەبىدىن ھەرىكەت مىقدارىنى ئازايتىدۇ، ئەمەلىيەتتە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلغاندا، بەدەننىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننى چارچىغان ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا كەچتە تېز ئۇخلىغىلى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ