مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىر خىل بىخەتەرلىك بار، ئۇ بولسىمۇ تايىنىۋېلىشنى ئازايتىش، بىر خىل بەخت بار، ئۇ بولسىمۇ زىيادە ئۈمىد كۈتمەسلىك

2021.03.30 14:40 مەنبە: تىيانشان تورى

  شىركەتكە دائىم كۈلۈپلا يۈرۈيدىغان بىر قىزچاق كەلدى. قارىماققا ئۇ ھېچقانداق غېمى يوقتەك كۆرىنەتتى. بىر قېتىم، مەن ئۇنىڭدىن: «سىز نېمىشقا ھەر كۈنى بۇنداق خۇشال يۈرىسىز؟» دەپ سورىدىم.

  ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «مەن ھەر قانداق ئادەم، ھەر قانداق ئىشقا تايىنىۋېلىشنى ۋە ئۇلاردىن زىيادە ئۈمىد كۈتۈشنى ئازايتقاندىن كېيىن، تۇرمۇشۇمنى كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارغا تولغاندەك ھېس قىلىدىغان بولدۇم» دېدى.

  ئادەمدە تايىنىش پەيدا بولغان ھامان، دەككە-دۈككىدە ۋە ئىلاجىسىزلىقتا قالىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە ئۈمىدسىزلىنىپ، قەلبى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز دەرد-ئەلەمگە تولىدۇ.

  يۆ يۆ ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولسا، ھەممىنى بىراقلا دوغا تىكىپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئۇ ئەرگە ئاتىۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. شۇ مەزگىلدە، يۆ يۆنىڭ ئائىلىسىدە كۈتۈلمىگەن ۋەقە يۈز بېرىپ، ئاتا-ئانىسى قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلدى. ئۇ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش بىلەنلا بەل قويۇۋەتتى، خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، ئۆيدىن سىرتقا چىقمىدى.

  ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئوغۇل دوستى پىشقان، ئېغىر-بېسىق بولۇپ، ئەتراپىدىكى ھەممە ئادەمنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالالايتتى، دوست بولۇشقىمۇ، لايىق بولۇشقىمۇ يارايدىغان ئەڭ ياخشى نامزات ئىدى. يۆ يۆ ئازابىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، بارلىق ئۈمىدىنى ئۇنىڭغا باغلىدى.

  ئوغۇل دوستىنى قولدىن چىقىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇ قانداق كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ئەركىن نەپەس ئالغۇدەك ھالىنى قويمىدى. ئوغۇل دوستى ئىدارىسىدا ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىسە، يۆ يۆ ئۇنىڭ بىلەن سىنلىق پاراڭلىشىمەن دەپ تۇرۇۋالدى؛ ئوغۇل دوستى كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتسە، يۆ يۆ ئەگىشىپ باردى، ياكى ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا تېلېفون بېرىپ ياكى سىنلىق پاراڭلىشىپ تۇرۇۋالدى. بۇ خىل ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىش ھەر ئىككى ئادەمنى قىينىۋەتتى. يۆ يۆ ھەر ۋاقىت: «ھاياتىمدا پەقەت سىزلا قالدىڭىز» دەيتتى. بۇنداق ھالەت بىر كۈن-ئىككى كۈن بولسا سەل ياخشى، بىر-ئىككى يىل داۋاملاشسا، ھەممىلا كىشىگە ئېغىر بېسىم بولۇپ قالىدۇ. ھېچكىم سىزنىڭ مەڭگۈلۈك يۆلەنچۈكىڭىز ئەمەس، قارشى تەرەپنى ھامان بىر كۈنى چارچىتىپ قويىسىز.

  يۆ يۆنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولغاندىن كېيىن، ئوغۇل دوستى ئايرىلىپ كېتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭىدىن ئايرىلغان چاغدا، يۆ يۆ خۇددى ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك ئازابلىنىپ، كىشىلىك ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. ھېلىمۇ ياخشى ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا شۇنى چۈشىنىپ يەتتىكى، ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋالغاندا، ئادەم باشقىلارغا يۈك بولۇپ قالىدىكەن.

  ئىلگىرى مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى كۆرگەنىدىم: ئادەمگە ئەڭ ئاسان ئىللىقلىق ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغىنى ناتونۇش كىشىلەر، چۈنكى ئۇلاردىن ئۈمىد كۈتمەيمىز؛ ئادەمگە ئەڭ ئاسان كۆڭۈل ئاغرىقى ئېلىپ كېلىدىغىنى، يېقىن كىشىلەر، چۈنكى سىز ئۇلارنى ياخشى كۆرىسىز.

  «ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا، ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئەنە شۇ. زىيادە چوڭ ئۈمىد دەل چۈشكۈنلۈكنىڭ مەنبەسىدۇر.

  كىشىلىك ھاياتتىكى نۇرغۇن خۇشاللىقلار تاسادىپىيلىقتىن كېلىدۇ، بەخت تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئەڭ تېز ئۇسۇلى زىيادە ئۈمىد كۈتمەسلىك. باشقىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگەندە، كىشىلىك ھاياتتىكى بارلىق ئۇچرىشىش ھەدىيەگە ئايلىنىدۇ.

  بىر ئادەم ئۆزىگە تايىنىشى، باشقىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدنى ئازايتىشى، ھەر بىر قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان كۈنلەردە ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشنى قىلىشى، ئۆزى خالىغان ئادەمگە ئايلىنىشى كېرەك.

  (خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ