مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىناقتىن ئۆتەلىگەن ئەر-خوتۇنلارغا يىللارنىڭ سوۋغىسى بار

2021.03.30 14:26 مەنبە: تىيانشان تورى

  خوتۇنۇم بىلەن توي قىلغىنىمغا 30 يىلچە بولدى. ئۇ كاماندىروپكىغا چىقىپ بىر ئايدىن كۆپرەك تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ تۇنجى قېتىملىقى ئىدى. يولغا چىقىش ئالدىدا، مەن ئۇنىڭ يۈك-تاقلىرىنى تەكشۈرۈپ بولۇپ، ئاپتوموبىل بىلەن ئۇنى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا چىقىدىغان يەرگىچە ئۇزىتىپ قويدۇم. يول بويى خوتۇنۇم توختىماي تاپىلاپ مۇنداق دېدى: «كىيىم-كېچەكلەرنى زالدىكى خالتىغا رەتلەپ سېلىپ قويدۇم، ئۇنىڭ يېنىغا قويۇپ قويغان قۇرۇق خالتىغا ئالماشتۇرغان كىيىملەرنى سېلىڭ، مەن قايتىپ كېلىپ يۇيىمەن؛ بۇ ئىككى كۈندە توڭلاتقۇدا تاماق ۋە كۆكتات بار، يېگەندە ھورۇنلۇق قىلماي، ئىسسىتىپ يەڭ، يېشىڭىزمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى، تاماققا دىققەت قىلىڭ؛ خۇشياقسا ئۆزىڭىز ئېتىپ يەڭ، ئىشتىن چۈشۈپ ھېرىپ قالسىڭىز سىرتتىن تاماق بۇيرۇتۇپ يەڭ؛ ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، ئاندا-ساندا ھاراق ئىچسىڭىز بولىدۇ، لېكىن چوقۇم كۆپ ئىچىۋالماڭ...» مەن بىر تەرەپتىن ئاڭلىغاچ، بىر تەرەپتىن توختىماي بېشىمنى لىڭشىتتىم، شۇ دەقىقىدە خوتۇنۇمنىڭ كوتۇلدىشىنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلىپ قېلىۋاتاتتىم.

  خوتۇنۇم بىلەن بىللە بولغان شۇنچە يىللاردىن بۇيان، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن «مۇھەببىتىمنى ئىزھار قىلىپ كېلىۋاتاتتىم»، شېرىن-شېكەر سۆزلەرنى ناھايىتى ئاز ئىشلىتەتتىم. بىللە بازار ئايلىنىپ مال سېتىۋالغاندا، ئۇنىڭ ئاياغ بوغقۇچىنىڭ يېشىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسام، دەرھال زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئۇنى چىگىپ قويىمەن؛ بىللە شاھمات ئوينىغاندا، مەن ئۇنىڭ يېنىۋېلىشىغا يول قويىمەن؛ ئۇ ئاغرىپ قالغاندا، دورىنى ۋاقتىدا ئىچسە، ئۇنى شاكىلات بىلەن مۇكاپاتلايمەن ... بىز بىللە ياشىغان بۇ ئۇزۇن يىللار جەريانىدا تېخىمۇ گۈزەللەشتۇق، يېقىنلاشتۇق، ئايرىلالماس بولدۇق، مۇلايىملاشتۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شۇنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم: ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا، بىر خىل قايتىدىن مۇھەببەتلەشكەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدىكەن، بۇ، يىللارنىڭ بىزگە بەرگەن مۇكاپاتىمۇ قانداق؟

  دۇنيا تولىمۇ ئادىل. بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، قايناق ھېسسىياتىنى «ئىشلىتىپ» بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق بىللە بولسا، ئوتتەك مۇھەببەت يەنە كېلىدىكەن. كۈمۈش توي، ئالتۇن توي، ئالماس تويلار مەڭگۈلۈك داۋاملاشقاندىن كېيىنكى ھاسىلات، تېخىمۇ مۇھىمى، بىر گۆھەر. شۇ ئۇزۇن ۋاقىتلارنى تەمكىن، سالماق، چىڭ تۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئادەم ۋە ئىشلار مۇكاپاتلىنىدۇ، ھېسسىياتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

  ئەمەلىيەتتە، ۋاقىت سىنتاش (ئالتۇن-كۈمۈشنى سىناپ كۆرىدىغان تاش)، ئۇ بارلىق ئادەم ۋە ئىشلارنى ئۆلچەيدۇ. تويدىن كېيىنكى تۇرمۇش بىر مەزگىلگە كەلگەندە، بۇرۇقتۇرما مەزگىلگە كىرىدۇ. بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىككىنچىدىن، بىزارلىق تۇيغۇسىنى مۇبالىغەلەشتۈرمەسلىك، ئۈچىنچىدىن، ئۆزگەرتىشكە ئالدىرىماسلىق كېرەك، شۇنداقلا قەستەن رومانتىك بولۇۋېلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. بەزىلەر بىر نەچچە ۋاق رومانتىك كەچلىك تاماق يېيىش بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولىدۇ، نەتىجىدە قانچە چاپلاشقانچە شۇنچە قاچىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە ئازراق ئارىلىق قويغان ياخشى. بۇرۇقتۇرما بولۇش باسقۇچىدىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، توي بىر يېڭى قاتلامغا كىرىدۇ. تويمۇ تەرتىپكە موھتاج، تەرتىپ بولغاندىلا خاتىرجەملىك بولىدۇ، خاتىرجەملىك بولغاندىلا ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ.

  توي خۇددى بىر تەڭگىنىڭ ئوڭ ۋە تەتۈر تەرىپىگە ئوخشايدۇ: بىر تەرىپى بىخەتەر ھەم ئىللىق، بىر تەرىپى ئاددىي ھەم زېرىكىشلىك، قايسى تەرىپىدىن ئايرىلسا ئۇ مەۋجۇت بولمايدۇ، تەڭگىنىڭ قايسى تەرىپىنى ئۇزۇن مۇددەت نامايەن قىلىش، ئىككى ئادەم ئورتاق كېڭىشىشكە تېگىشلىك ئۆمۈرلۈك تېما.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ