كورىيە لىخۇا قىزلار داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، دائىم چىش چوتكىلاش يۈرەك دالانچىسى تىترەش ۋە يۈرەك زەئىپلىشىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار «كورېيە خەلق ساغلاملىق سۇغۇرتىسى سىستېمىسى»دىن 161 مىڭ نەپەر 40 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغان يۈرەك دالانچىسى تىترەش ياكى يۈرەك زەئىپلىشىش كېسەللىك تارىخى يوق سىناققا قاتناشقۇچىنى تاللىغان. 10.5 يىللىق ئارىلاپ زىيارەت قىلىش مەزگىلىدە، 4911 ئادەم (%3.0) يۈرەك دالانچىسى تىترەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، 7971 ئادەم (%4.9) يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق چىش چوتكىلايدىغان كىشىلەرنىڭ دالانچە تىترەش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %10، يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %12 تۆۋەن بولغان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقى ياخشى بولمىسا باكتېرىيەلەر قاندا كۆپىيىپ، بەدەندە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇنىڭلىق بىلەن يۈرەك دالانچىسى تىترەش ۋە يۈرەك زەئىپلىشىش خەۋپى ئېشىپ كېتىدىكەن. دائىم چىش چوتكىلاش چىش مىلىكىنىڭ ئاستىدىكى بىيولوگىيەلىك پەردە ئىچىدىكى باكتېرىيەلەرنى ئازايتىپ، ئۇلارنىڭ قانغا يۆتكىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ