مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىڭىز خىجىلچان، قورقۇنچاقمۇ، ئۆزىگە ئىشەنمەمدۇ...

2021.02.04 21:19 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  خىجىلچان، قورقۇنچاق بالىلار سەۋرچانلىققا، ھەمراھ بولۇشقا، ئۆزىگە ئىشەنچى كەمچىل بالىلار ماختاپ تۇرۇشقا موھتاج

  بالىنىڭ ھەرىكىتى خۇددى ئەينەككە ئوخشاش ئاتا-ئانىلارنى نۇرغۇن ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بالىلاردا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار ياخشى ئويلىنىشى كېرەك.

  خىجىلچان، قورقۇنچاق بولۇش. بالىلار كىچىك ۋاقتىدا قورقۇنچاق ياكى خىجىلچان بولۇپ قالغاندا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى بالىنىڭ تەبىئىيتىنى قوبۇل قىلىش ھەمدە دەل ۋاقتىدا يېتەكلەپ رىغبەتلەندۈرۈش، ھەرگىزمۇ بالىنىڭ ئالدىدىلا «بۇ بالا قورقۇنچاق، يارىماس!» دەپ خالىغانچە تەنقىدلىمەسلىك ۋە مۇھاكىمە قىلماسلىق كېرەك. چوڭلار بالىلارنى كىچىك، چۈشەنمەيدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە، بالىلار پاراڭلىشىش جەريانىدىكى كەيپىياتنى چۈشىنەلەيدۇ، بالىلارغا خالىغانچە «قورقۇنچاق» دېگەن ماركىنى چاپلاپ قويۇش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز. خىجىلچان، قورقۇنچاق بالىلارغا ئاتا-ئانىلار سەۋرچانلىق بىلەن ھەمراھ بولۇشى، ئىلھام بېرىشى كېرەك.

  ھېسسىياتى سوغۇق. بەزى بالىلاردا ئۈمىدسىزلىك، پاسسىپ كەيپىيات ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېچىلىپ-يېيىلىپ كۈلگەنلىكىنى كۆرۈش تەس، كىچىككىنە ئىشلارنىمۇ كۆڭلىدىن چىقىرىۋېتەلمەيدۇ. بەزى بالىلار بىر پارچە تاشقا ئوخشايدۇ، ھەر قانچە قىلىپمۇ ئىللىتقىلى بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇپ قالغان ۋاقتىنىڭ ئاز بولۇپ قالغان-قالمىغانلىقى، بالىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشىنىڭ كەمچىل بولۇپ قالغان-قالمىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك.

  ئۆزىنى تاشلىۋېتىش. بۇ خىل بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالماي قالسىلا، ئالغا ئىنتىلمەيدىغان، ئاسانلا ئۆزىنى تاشلىۋېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئاتا-ئانىلار كۈچىنىڭ بارىچە بالىلاردىكى ھەر بىر كىچىككىنە ئىلگىرىلەشنىمۇ بايقىشى كېرەك. ئاتا-ئانىدىكى شۆھرەتپەرەسلىك ۋە بەسخورلۇق سەۋەبىدىن بالا ئاسانلا ئۆزىنى يار-يۆلەكسىز ھېس قىلىپ، ئاسان ۋاز كېچىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدىكى شوتا بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەدەممۇ قەدەم نىشانىغا يېتىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.

  جىمىغۇر. ئىپادىلەشكە ماھىر ھەر بىر بالىنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا ماھىر چوڭلار بولىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار ھەمىشە گېپىنى بۆلۈۋەتسە، باھا بەرسە، ھەتتا بالىسىنىڭ دېگەن گېپىنى تەنقىدلىسە، بالا ئۆزىنىڭ قەلب ئىشىكىنى ئېتىۋالىدۇ. كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ دەرسى بولۇپ، بالىلارنىڭ پارىڭىنىڭ مەزمۇنىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاڭلاپلا قالماي، يەنە گەپ-سۆزگە يوشۇرۇنغان كەيپىياتنىمۇ ئاڭلىشى كېرەك. ھەقىقىي كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش ھەرگىزمۇ ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىش ۋە كۆڭلى بىر يەردە بولماسلىق ئەمەس، بەلكى بالىنىڭ كەيپىياتىغا ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇشتۇر.

  ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى كەمچىل. بەزى ئاتا-ئانىلار ھەمىشە بالىلىرىنىڭ كەمچىلىكىگە تىكىلىۋېلىپ، ئارتۇقچىلىقىنى نەزەرگە ئالماي قالىدۇ. ھەرقانداق بالىنى يوچۇقتىن نۇر ئىزدىگەندەك ئارتۇقچىلىقىنى ئىزدەپ تۇرۇپ ماختاش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بالىلار خۇددى قۇياش نۇرىغا قاراپ ئۆسكەن ئۆسۈملۈككە ئوخشاش، ئاستا-ئاستا ئېچىلىدۇ. ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، بالىلارنى ماختاش ۋە تەرىپلەش چوقۇم كونكرېت بولۇشى كېرەك.

  ئالاقىگە ماھىر ئەمەس. جەمئىيەتتىكى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىشلىنىش نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىنىڭ ۋاقتىنى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالىلىرىنى ئېلىپ ھەر خىل تەربىيەلەش كۇرسلىرى، ئالاھىدە تەربىيەلەش سىنىپلىرىغا قاترايدىغان قىلىپ قويدى. ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭ ئالاقە قىلىشىغا ۋاقىت كېتىدۇ، ئالاقە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكىمۇ ۋاقىت، پۇرسەت بېرىش كېرەك. رەھبەرلىك كۈچى، ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە ئالاقە ئىقتىدارى مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇ ئىككى خىل ئىقتىدار بالىلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرىدىغان ھالقىلىق ئامىل.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ