مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قاقلاپ پىشۇرۇلغان تاتلىقياڭيۇ نېمە ئۈچۈن تاتلىق بولىدۇ

2021.02.04 21:19 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  سىرتلاردا قاقلاپ پىشۇرۇلغان تاتلىقياڭيۇ نېمە ئۈچۈن ئۆيدە ھوردا پىشۇرغان تاتلىقياڭيۇغا قارىغاندا ئالاھىدە خۇشپۇراقلىق بولىدۇ؟

  بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ كىلىنكا دوختۇرى جېڭ شىشى مۇنداق دېدى: تاتلىقياڭيۇنى قىزىتىش جەريانىدا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى كراخمال ئېنزىمى قوزغىلىدۇ، بۇ خىل ماددا تاتلىقياڭيۇ تەركىبىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تەركىب بولۇپ ، كراخمال مالتوزا (بىر خىل دىساخارىد) غا پارچىلىنىدۇ، شۇڭا خام تاتلىقياڭيۇ ئۇنچىلىك تاتلىق بولمايدۇ، پىشقاندىن كېيىن تاتلىق تەم پەيدا بولىدۇ. كراخمال ئېنزىمىنىڭ ℃170~℃135 دا ئاكتىپلىقى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، لېكىن تاتلىقياڭيۇنى قاقلاپ پىشۇرغاندا، تاتلىقياڭيۇ ئىزچىل ℃180~℃160تا ئاستىدا قىززىتىلىدۇ، بۇ، كراخمال ئېنزىمىنىڭ يېتەرلىك ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ كراخمال ئاجرىتىپ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. تاتلىقياڭيۇ سۇدا پىشۇرۇلغاندا ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقى ئاشىدىغان ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇراغا يەتمەيدۇ، قورۇغاندا ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقى ئاشىدىغان ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرادىن يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا تۆۋەن تېمپېراتۇرادا ئاستا قاقلاپ پىشۇرۇلغان تاتلىقياڭيۇ ئەڭ تاتلىق بولىدۇ.

  ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئەگەر بىر ۋاخ تاماقتا تاتلىقياڭيۇ بولسا، گۈرۈچ، ئۇن ھەمدە باشقا يىلتىز غول تۈرىدىكى كۆكتاتلار مەسىلەن، ياڭيۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش كېرەك، بولۇپمۇ ئېغىرلىقىنى چۈشۈرىدىغان كىشىلەر توپى، بولمىسا ئاساسلىق يېمەكلىكنىڭ زىيادە قوبۇل قىلىنىشى، ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەندىكى بىر قانچە كىشىلەر توپى تاتلىقياڭيۇنى ئازا يېيىش كېرەك. بىرىنچى، دىيابىت كېسەل ئاغرىقلىرى. قاقلاپ پىشۇرۇلغان تاتلىقياڭيۇنىڭ قان قەنتىنى ئۆرلىتىش كۆرسەتكۈچى ھوردا پىشۇرۇلغان تاتلىقياڭيۇنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا دىيابىت ئاغرىقلىرى بىر قېتىمدىلا كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ، كونكرېت مىقدارىنى ئۆزىنىڭ تاماقتىن كېيىنكى قان قەنت سەۋىيەسى بويىچە تەڭشىسە بولىدۇ. تاتلىقياڭيۇنى يېگەندە ئەڭ ياخشىسى قان قەنتىنى ئاستا ئۆرلىتىدىغان مەسىلەن، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار ھەمدە تۇخۇم، قارا گۆش، قاتارلىق ئاقسىل تەركىبى مول يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ يېيىش كېرەك. ئىككىنچى، بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى. تاتلىقياڭيۇ كالىي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ، نورمال كىشىلەر توپىغا پايدىلىق، لېكىن بۆرەك كېسىلى بارلارغا نىسبەتەن، كالىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلىۋاتقان ئاغرىقلارغا ئانچە ماس كەلمەيدۇ. ئۈچىنچى، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىغا تاش چۈشكەن ئاغرىقلار. تاتلىقياڭيۇ تەركىبىدە ئوكسالىك كىسلاتاسىنىڭ تەركىبى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا بۆرىكىگە تاش چۈشكەنلەر ئاز يېيىشى كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ