مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قەنتكە قارشى تۇرۇش قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە باراۋەرمۇ

2021.02.04 21:19 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توردا بىر خىل يېڭى يېمەك-ئىچمەك نەزەرىيەسى تارقالغان: تېرە ياخشى بولسۇن دەيدىكەنمىز، قەنتكە قارشى تۇرۇش كەم بولسا بولمايدۇ. گۈزەللىكنى سۆيىدىغان كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە قەنت قېرىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولۇپ، قەنت يېسە ئادەمگە ئاسانلا داغ چۈشۈپ، دانىخورەك چىقىپ، تېرىنى بوشاشتۇرۇۋېتىدۇ، تېرە پەسكە ساڭگىلايدۇ، قورۇق چۈشىدۇ. بەزى كىشىلەر قەنتنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن، «قەنتكە قارشى تۇرىدىغان يېمەكلىكلەر»نى يېيىشكە باشلىدى، ھەتتا ئاساسلىق يېمەكلىكلەر، بولكا، مېۋىلەرنى يېمەيدىغان بولدى.

  قەنتلىشىش رېئاكسىيەسى دېگىنىمىز ئادەم بەدىنىدىكى قەنت تەركىبى مەسىلەن، گلۇكوزا، لاكتوزا، ساخاروزا قاتارلىقلار ئاقسىل بىلەن بىرىكىش رېئاكسىيەسى ھاسىل قىلىپ، ئاخىرقى مەزگىلدىكى گلۇكوزىلىشىش ئاخىرقى مەھسۇلاتىنى پەيدا قىلىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئاخىرقى مەزگىلدىكى گلۇكوزىلىشىش ئاخىرقى ھاسىلاتلىرى ھەقىقەتەن ئادەم بەدىنىگە بەزى سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاخىرقى مەزگىلدىكى گلۇكوزىلاشقان ئاخىرقى ھاسىلاتلار يىغىلىپ، تېرىگە ئەكسىگە كەلمەيدىغان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىپ، تېرە بوشىشىش، خۈنۈكلىشىپ سارغىيىش، دانىخورەك چىقىش، يىرىكلىشىش، قورۇق چۈشۈش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قەنتنى زىيادە قوبۇل قىلماسلىق تەكلىپى بېرىلىدۇ. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ يېمەكلىك قوللانمىسى»دا ھەربىر كىشىگە كۈندىلىك قوبۇل قىلىنىدىغان قەنت مىقدارىنىڭ 25~50 گىرامغىچە بولۇش تەكلىپى بېرىلگەن. ھازىر ياشلار ئىچىدە مودا بولۇۋاتقان كولا، ئەتكەن چاي قاتارلىق ھەرخىل قەنت تەركىبلىك بوتۇلكا (ئىستاكان)لىق ئىچىملىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە، قەنت تەركىبى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن، شۇڭا كۆپچىلىككە كۆپ ئىچىۋالماسلىق تەكلىپى بېرىلىدۇ. كۈندە قەنتنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا چەك قويۇش، تېرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ساغلاملىقىمىزغا پايدىلىق.

  ئەگەر «قەنتكە قارشى تۇرۇش»نى پۈتۈنلەي قەنت يېمەسلىك دەپ قاراپ، ھەتتا ئاساسلىق يېمەكلىك، كۆكتات-مېۋە، گۈرۈچ-ئۇن يېمەسلىك، ئىنتايىن خاتا. چۈنكى ئاساسلىق يېمەكلىك بىلەن يېڭى كۆكتات-مېۋە تەمىنلەيدىغان كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيە مەنبەسىدۇر.

  توغرا بولغان «قەنتكە قارشى تۇرۇش» ئۇسۇلى ھېچنېمە يېمەسلىك ئەمەس، بەلكى توغرا ئۇسۇلدا يېيىشنى كۆرسىتىدۇ. ئالدى بىلەن توغرا تاماق ئېتىش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك. ياغدا پىشۇرۇش، قورۇش، يۇقىرى تېمپېراتۇرادا قاقلاش قاتارلىق قورۇما تەييارلاش جەريانىدا قەنتلىشىش رېئاكسىيەسى ئاسانلا يۈز بېرىدۇ، شۇڭا قاقلانغان قىزا، مايدا پىشۇرۇلغان كالا گۆشى ھەمدە قاقلاپ پىشۇرغان تاتلىق-تۇرۇم قاتارلىقلارنى يېيىشنى ئازايتىپ كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ