مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ئوڭۇشسىزلىق تەربىيەسى بەرگەندە...

2021.02.04 21:17 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر كۈنى خىزمەت جەريانىدا بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بىلەن ئەڭ كۆپ ئۇچرىشىمەن. مېنىڭ ئىككى بالام بار، بارلىق ئاتا-ئانىلارغا ئوخشاش، بالامنىڭ ساغلام، خۇشال-خۇرام چوڭ بولۇپ، ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بالىلارنىڭ «ئالغا بېسىشى»، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا يېتىشى ئۈچۈن، مەنمۇ ئىلگىرى تەشۋىشلەنگەن، تىت-تىت بولغان، ھەتتا ئاچچىقىممۇ كەلگەن، شۇنداقلا ئاتا-ئانىلار بالىلارغا دېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان گەپلەرنىمۇ دەپ باققان: «سەن يەنە مۇشۇنداق قىلساڭ، مەن سېنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالىمەن!» «سەن نېمىشقا ھېچنېمىنى ياخشى ئۆگىنەلمەيسەن، باشقىلارغا قاراپ باقە». ئەمما، ئامبۇلاتورىيەدە «مەسىلە چىققان بالىلار»نىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شۇنى ئويلىنىپ قالدىم، بالىلارغا مۇئامىلە قىلغاندا خالىغانچە ئىنكار قىلماسلىق، «ئوڭۇشسىزلىق تەربىيەسى»نى بەك ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك ئىكەن، بولۇپمۇ ئالتە ياشتىن ئىلگىرىكى بالىلارغا تېخىمۇ شۇ.

  ئالتە ياشتىن ئىلگىرى بالىلار بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئورنىتىلىدىغان ۋە مۇكەممەللىشىدىغان مەزگىلدە تۇرىدۇ، ئەگەر بۇ چاغدا بەك كۆپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، بالىلار سىرتقى دۇنياغا بولغان ئىشەنچ، قىزىقىشتىن مەھرۇم قالىدۇ، بۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز. بولۇپمۇ، ئۈچ ياشتىن بۇرۇن، بالىنىڭ ئۆزىگە بەرگەن باھاسى ئاساسلىقى ئائىلىسىدىكىلەردىن كېلىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار تىل جەھەتتىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە باھالارنى كۆپرەك بېرىشى كېرەك.

  ئەمەلىيەتتە، بالا ئاتا-ئانىنىڭ «نۇسخىلاش ماشىنىسى»دۇر. ئاتا-ئانىنىڭ ھەرىكەت ئادىتى، تەپەككۇر ئەندىزىسى، كەيپىياتنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلى ھەممىسىنى بالىلار ئۆگىنىپ چىقىدۇ. تەربىيەلەش جەريانىدا قانچىلىك چوڭ مەسىلىگە يولۇقۇشتىن قەتئىينەزەر، ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى بەدەل قىلىشقا بولمايدۇ. ئاتا-ئانىلار قانچىلىك خاپا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بالىلارغا ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. پەرزەنت تەربىيەسىدە ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ھاقارەتلەيدىغان ياكى مەسخىرە قىلىدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتسە بولمايدۇ، شۇنداقلا بالىلارغا خالىغانچە ماركا چاپلىسىمۇ بولمايدۇ؛ ئۇلارغا دائىم ئىلھام بېرىپ، ئۇلارغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، ئۇلارنى كۆپرەك قۇچاقلاپ قويىشى كېرەك؛ بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە، ۋاقتىدا تۈزىتىپ بەرسىلا بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. ھەر بىر بالىنىڭ مۇكەممەل بولمىغان تەرىپى بولىدۇ، بالىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاپ ھەمدە ئۇنى چوڭايتقاندا، بالا ئاستا-ئاستا ياخشى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. مانا بۇ بالىلارنى ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە قىلىدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر.

  ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنى چامى يېتىدىغان ئۆي ئىشلىرىنى قىلدۇرۇپ ئۆگىتىش كېرەك. ئائىلە تۇرمۇشىغا تولۇق قاتناشتۇرۇش ھەمدە بالىنىڭ ئائىلىگە قوشقان تۆھپىسىنى ماختاش ئارقىلىق، ئاستا-ئاستا بالىدا قىممەت تۇيغۇسى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ، بالا ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلالايدۇ، تېخىمۇ تەلەپچان بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ