مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇرمۇش ئادىتى ھەققىدە 13 ساۋات

2020.07.30 17:48 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  بىرىنچى، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش ۋە دەل ۋاقتىدا تازىلاشنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىجرا قىلىش.

  ئىككىنچى، ھاۋا تەڭشىگۈچنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش، قىش پەسىلىدە تېمپېراتۇرىسىنى ℃20تىن يۇقىرى تەڭشىمەسلىك، ياز پەسىلىدە تېمپېراتۇرىسىنى ℃26تىن تۆۋەن تەڭشىمەسلىك.

  ئۈچىنچى، سىرتقا چىققاندا مال سېىۋېلىش خالتىسى ۋە ئىستاكان ئېلىۋېلىش.

  تۆتىنچى، ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ۋاقتىدا توك مەنبەسىدىن ئۈزۈۋېتىپ، كۈتۈش ھالىتىدە توك خورىتىشنى ئازايتىش.

  بەشىنچى، تۆۋەن كاربونلۇق سەپەرگە چىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش، پىيادە مېڭىش، ۋېلىسپىتلىك ياكى ئاممىۋى قاتناش ۋاستىسىدا يول يۈرۈش.

  ئالتىنچى، ئەتتىگەندە، كەچتە چىش چوتكىلاش، تاماقتىن كېيىن ئېغىز چايقاش، توغرا چىش چوتكىلاش ئۇسۇلى قوللىنىش، ھەر قېتىم چىش چوتكىلاش ۋاقتى ئىككى مىنۇتتىن ئاز بولماسلىق.

  يەتتىنچى، ئۆينى ۋاقتىدا ئاكتىپلىق بىلەن تازىلاپ تۇرۇش.

  سەككىزىنچى، چارچىغاندا ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك، ئاپتوموبىلنى سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدىمەسلىك، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك.

  توققۇزىنچى، پوجاڭزىنى ئاز ئېتىش ياكى ئاتماسلىق، ھاۋا ئېغىر بۇلغانغاندا دالىدا كاۋاپ پىشۇرۇپ يېمەسلىك.

  ئونىنچى، تاماق ئېتىش جەريانىدا بۇس تارتقۇ قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش.

  ئون بىرىنچى، ھاۋا ئېغىر بۇلغانغاندا، ئامال بار سىرتتىكى پائالىيەت ۋاقتىنى قىسقارتىش.

  ئون ئىككىنچى، ئۆيدە باققان ئەرمەك ھايۋان ۋە ئەرمەك ھايۋان بۇيۇملىرىنى قەرەللىك تازىلاش.

  ئون ئۈچىنچى، قەرەللىك ھالدا يېڭى بېزىگەن ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش.

  خەلق گېزىتى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ