مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇرمۇشتىكى سىز بىلمەيدىغان ئەپچىل چارىلەر

2020.07.30 17:46 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  چىش پاستىسىغا سۇ ئارىلاشتۇرمىسا تېخىمۇ پاكىز چوتكىلىغىلى بولىدۇ

  چىش پاستىسى سۇغا يولۇققاندىن كېيىن ئاسانلا ماغزاپ ئۆرلەيدۇ، لېكىن ماغزاپ ئاز-كۆپلۈكىنىڭ چىش چوتكىلاش ئۈنۈمى بىلەن چوڭ مۇناسىۋىتى يوق. چىش پاستىسى تەركىبىدە سۈركىلىش دورىسى، ئاروماتىك دورىلار، ماغزاپ چىقىرىدىغان ماتېرىياللار بار بولۇپ، سۈركىلىش ئارقىلىق چىش كىرى، چىش تېشى چىقىرىپ تاشلىنىدۇ، بىراق سۇ تەگكۈزگەندىن كېيىن رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايدۇ. چىشنى ياخشى چوتكىلاشتا، ئاساسلىقى ۋاقىت بىلەن ئىنچىكىلىك دەرىجىسىگە قارايمىز. چىشنى سۇدا چايقىغاندا ياكى چىش پاستىسىغا سۇ ئارىلاشتۇرغاندا، كىشىگە «پاكىز» بولغاندەك تۇيغۇ بەرسىمۇ، بىلىپ-بىلمەي چىشنى يۇيغان ۋاقىت قىسقىرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن پاكىز يۇيۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ.

  ياخشى ياشاي دېسىڭىز، گۈل بېقىڭ

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم تەبىئەتكە سىڭىپ كىرىشنىڭ سالامەتلىككە كۆرۈنەرلىك پايدىسى بار ئىكەن. گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخلەر بىلەن كۆپ ھەپىلەشكەندە، يۇقىرى قان بېسىم، 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلى، يۈرەك، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى، ئاي-كۈنى توشماي تۇغۇپ قويۇش ۋە روھىي بېسىمى يۇقىرى بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن. دائىم تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر خىل مىكرو جانلىقلار ۋە باكتېرىيەلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا پايدىلىق بولۇپ، ياللۇغنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن. ياپونىيەنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دەل-دەرەخلەر باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بىر خىل ئورگانىك ماددا قويۇپ بېرەلەيدىكەن، بۇمۇ ياپونىيەلىكلەر ياخشى كۆرىدىغان « ئورمان ۋاننىسى»نىڭ رولىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.

  ئىجتىمائىي ئالاقە قانچە جانلىق بولسا، ئۆپكە شۇنچە ساغلام بولىدۇ

  ئائىلە ئەزالىرى، خىزمەتداشلار، دوستلار، قوشنىلار بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش دەرىجىسى ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى بىلەن ئوڭ تاناسىپ مۇناسىۋەتتە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنلىق دەرىجىسى تۆۋەن ئىجتىمائىي رول مۇناسىۋىتى (مەسىلەن، پىدائىيلار بىلەن ياردەم بېرىلگۈچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى) بىلەن يېقىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئىجتىمائىي رول مۇناسىۋىتىمۇ (مەسىلەن، جورىسى ئوتتۇرىسىدىكى) ئۆپكە ئىقتىدارىنى قوغداش جەھەتتە ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. پروفېسسور كوئېن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆپكە ئىقتىدارى ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىلىرىنىڭ بىرى، شۇڭا ئۇنىڭ ساغلاملىققا بولغان مۇھىملىقى چېنىقىشتىن قېلىشمايدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقىغا ئاكتىپ قاتناشقاندا، بىر - بىرىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئارقىلىق ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئۆزئارا ئىلھام بېرىش ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاشقا تېخىمۇ پايدىلىق.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ