مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پىسخىكا ساغلاملىقى ھەققىدە 12 ساۋات

2020.07.30 17:46 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  بىرىنچى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۈندە ئون سائەت، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توققۇز سائەت، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەككىز سائەت ئۇخلىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، قۇرامىغا يەتكەنلەر كۈندە تەخمىنەن 7~8 سائەت ئۇخلىشى كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغاندا تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىش، ئۇيقۇدا مەسىلە كۆرۈلسە، ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئاكتىپ، ساغلام بولغان كەيپىياتنى ساقلاپ، پاسسىپ كەيپىياتنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا كەلتۈرىدىغان زىيىنىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  بەشىنچى، مەيۈسلۈك ۋە تەشۋىشلىنىشنىڭ ئالامىتىنى توغرا تونۇش كېرەك.

  ئالتىنچى، كەيپىيات باشقۇرۇش، بېسىم تەڭشەش قاتارلىق ئۆزىنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەيدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئۇسۇللارنى ئىگىلەش كېرەك.

  يەتتىنچى، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، تورغا چىقىش ۋە تور ئويۇنى ئويناش قاتارلىق ساغلام بولمىغان بېسىم تەڭشەش ئۇسۇلىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  سەككىزىنچى، ياخشى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش، كىشىلەرنىڭ قوللىشىنى ئاكتىپلىق بىلەن تەلەپ قىلىش، دەردىنى مۇۋاپىق تۆكۈش ۋە مۇۋاپىق ياردەم سوراش كېرەك.

  توققۇزىنچى، پىسخىكىدا مەسىلە بايقالغان ھامان ياردەم سوراش كېرەك.

  ئونىنچى، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئىختىلاپ پەيدا بولغاندا، گەپ-سۆزلەردە ئاشۇرىۋەتمەسلىك، زەخملەندۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىق، ئۆزىنى چەتكە ئالماسلىق كېرەك.

  ئون بىرىنچى، تەنھەرىكەتنىڭ كەيپىياتقا بولغان تەڭشەش رولىنى ئاكتىپلىق بىلەن جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئون ئىككىنچى، روھىي كېسەللىكلىرى دورىسىنى چوقۇم دوختۇرنىڭ يېتەكلىشىدە ئىشلىتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ