مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بوۋاقلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇرۇن قاقىچى كۆپ بولىدۇ ؟

2020.07.30 17:45 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ئامبولاتورىيەدە دائىم ئاتا-ئانىلار دوختۇردىن: بالامنىڭ بۇرنىدا دائىم بەك كۆپ قاقاچ پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن ؟،-دەپ سورايدۇ.

  بۇنى قاقاچنىڭ پەيدا بولۇشىدىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇرۇن ئىچىدە نۇرغۇن بەز تەنچىسى بار بولۇپ، ئۇ ئادەتتە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، بۇرۇن بوشلۇقىنى سىلىقلايدۇ، مەينەت نەرسىلەرنى سىرتقا چىقىرىۋېتىدۇ. بىز زۇكام، بۇرۇن ياللۇغى ياكى يېنىك دەرىجىدە نەپەس يوللىرى يۇقۇملىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولساق، بۇ بەز تەنچىسى تېخىمۇ كۆپ سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ماڭقا كۆپ بولىدۇ؛ ئەگەر ھاۋا قۇرغاق بولسا، بۇ ئاجرالمىلار قۇرۇپ، سىرتتىكى ھاۋا بۇلغانمىلىرى ۋە چاڭ-توزان بىلەن بىرىكىپ، قۇرۇق قاقاچقا ئايلىنىدۇ. شۇڭا، قاقاچ كۆپ بولۇش بالىلارنىڭ زۇكام، بۇرۇن ياللۇغى ياكى يېنىك دەرىجىدىكى نەپەس يوللىرى يۇقۇملىنىش كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، ئەھۋالىغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئاتا-ئانىلار بالىنى ئامال بار چاڭ-توزانلىق ھاۋادا سىرتقا ئازراق ئېلىپ چىقىشى؛ دالا پائالىيتىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشى؛ ھاۋارايى ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، بالىغا ۋاقتىدا قېلىن، نېپىز كەيگۈزۈشى، ئۆي تېمپېراتۇرىسى، نەملىك دەرىجىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئەتىياز، كۈز پەسللىرىدە بالىنى ئاممىۋى سورۇنلارغا ئازراق ئاپىرىش، سىرتقا چىققاندا ئەڭ ياخشىسى ماسكا تاقاپ قويۇش، گۈل-گىياھ قاتارلىقلاردىن يىراق تۇرغۇزۇش كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ