مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەپكۈندىن مۇداپىيەلىنىشتىكى تۆت خاتا قاراشنى بىلەمسىز؟

2020.07.30 17:45 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  گۈزەللىكنى سۆيىدىغانلار دائىم بەدىنىدىكى بولۇپمۇ يۈزىدىكى سەپكۈننىڭ غېمىدە بولىدۇ. گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆ قارمىقىدىكى 3- دوختۇرخانا شەكىل تۈزەش-ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لياۋ نۇڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەمەلىيەتتە، سەپكۈننىڭ پەيدا بولۇشى ئىرسىيەت ئامىلى، تاشقى مۇھىت، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يەنە كېلىپ بۇ ئامىللارنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ. قانداق قىلغاندا سەپكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېرىدە سەپكۈن دېغىنىڭ پەيدا بولۇشنى ئازايتقىلى بولىدۇ؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بىر قانچە چوڭ خاتا قاراشلاردىن يىراق تۇرۇڭ.

  بىرىنچى خاتا قاراش: پەقەت ئۆيدىن سىرتقا چىقىدىغان ۋاقىتتا ئاپتاپتىن ساقلىنىشنى ئېسىگە ئېلىش.

  نۇرغۇن كىشىلەر پەقەت ئۆيدىن سىرتقا چىققاندا ياكى ئاپتاپ كۈچلۈك ۋاقىتتا ئاپتاپتىن مۇداپىيەلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرغاندىمۇ ئاپتاپتىن مۇداپىيەلىنىش لازىم، كۈندە SPF30دىن يۇقىرى بولغان، رولى چوڭ بولغان ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەھسۇلاتى ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  ئىككىنچى خاتا قاراش: تەركىبىدە ۋىتامىن C، ۋىتامىن E بولغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندە تېرىنى ئاقارتقىلى بولىدۇ.

  «يېمەكلىك ئارقىلىق ۋىتامىن C، ۋىتامىن E تولۇقلاشنىڭ رولى ئەمەلىيەتتە ئۇنچە روشەن ئەمەس» دېدى جەن ۋېيچىڭ، چۈنكى، تەركىبىدە ۋىتامىن C ياكى E بولغان مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلاردىن ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلىدىغان ئۈنۈملۈك تەركىبلەر ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاز بولۇپ، داغنى سۇسلاشتۇرۇش ياكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە يېتەلمەيدۇ. كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتە ئوزۇقلۇق تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇلسىلا بولىدۇ، تاتلىق، مايلىق، مايدا پىشۇرۇلغان، غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.

  ئۈچىنچى خاتا قاراش: تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى قانچە قىممەت بولسا شۇنچە ياخشى.

  نۇرغۇن ئاياللار ئىقتىسادىي شارائىتى يار بەرسىلا تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرى، گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئەڭ قىممىتىنى ئېلىپ ئىشلىتىش كېرەك دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، باھاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىگە ماس كەلگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتكىنى ياخشى.

  تۆتىنچى خاتا قاراش: ئەڭ قىممەت تېرە ئاسراش بۇيۇمىنى ئىشلىتىپ، خالىغانچە تۈنەش.

  جەن ۋېيچىڭ مۇنداق ئەسكەرتتى، دائىم تۈنەش، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى تېرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىپ، قارا پىگمېنتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چۆكۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تېرىنىڭ كۈندىلىك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، كەچتە ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ۋاقتىنى ئازايتىش، ئۇخلاپ قوپۇش ۋاقتىنىڭ قانۇنىيەتلىك بولۇشىنى ساقلاش، يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تېرىنىڭ ئۆز ئەسلىگە قايتىشىغا يېتەرلىك ۋاقىت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ