مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چىرايلىق كىيىنسە كەيپىيات تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ

2020.07.30 17:36 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ئەنگىلىيە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەيۈسلۈك كېسىلى تەخمىنەن %10 كىشىلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، كېسەللىك قوزغىلىش نىسبىتى ۋە دىياگنور قويۇپ داۋالاش نىسبىتى يۇقىرى قان بېسىمىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى ماقالىدە، ئىلمىي تەتقىقات ئارقىلىق ئىسپاتلانغان كەيپىياتنى ياخشىلاپ، مەيۈسلۈكنى ئازايتىدىغان ئون خىل تۇرمۇش ئادىتى يەكۈنلەنگەن.

  بىرىنچى، ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانغا ئاز قاراش. شىۋېتسىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ھەر ھەپتىدە كومپيۇتېر ياكى يانفون قاتارلىق ئېكرانلىق ئۈسكۈنىلەرنى كۆپرەك ئىشلىتىدىغان ئاياللار مەيۈسلۈك كېسىلىگە ئاسانلا گىرىپتار بولىدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ۋە يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش كەمچىل بولۇش ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر ئېكرانغا ئاز قاراپ، كىتابنى كۆپ ئوقۇش ئارقىلىق خۇشاللىق تۇيغۇسى ۋە تۇرمۇشقا بولغان مەمنۇنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەۋسىيە قىلغان.

  ئىككىنچى، كېچىلىك چىراقنى ئۆچۈرىۋېتىش. ئامېرىكا ئوخىئو شىتاتى داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، كەچلىك ئۇخلاش ۋاقتىدا يورۇق تۇرغان چىراغ نۇرى (بولۇپمۇ ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى تارقاتقان كۆك نۇر) مىلانتېن ھورمونىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا كاشىلا قىلىپ، نورمال ئۇخلاشقا ۋە ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئەتراپىمىزدىكى بارلىق ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئېتىۋېتىپ، دېرىزىگە قېلىن پەردە تارتىپ، ئۇخلاش مۇھىتىنىڭ قاراڭغۇ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئۆزى ياقتۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىش. ئەنگلىيە خېرتفورد ۋىلايىتى داشۆسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، كىيىنىش كەيپىياتنى ئىپادىلەيدىغان ئەينەك بولۇپ، ئۆزى ياقتۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيگەندە، ئادەمنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ ئازادە بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆك رەڭلىك كىيىم-كېچەك قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ۋە كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

  تۆتىنچى، ئەزمىلىك قىلماسلىق. ئامېرىكىلىق پىسخولوگ بارىي شىچۋارتىز مۇنداق دېدى: بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاللاش پۇرسىتىنىڭ كۆپ بولۇشى ياخشى بولماستىن ئەكسىچە تېخىمۇ زور بېسىم، تەشۋىشتىن دېرەك بېرىپ، بەخت تۇيغۇسىنى بىراقلا تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. نىشاننى توغرا تونۇپ، ئېنىق ھۆكۈم چىقىرىش تەكلىپى بېرىلىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئادەملەر كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئازادە ھېس قىلىدۇ.

  بەشىنچى، تاماكىدىن يىراق تۇرۇش. ئامېرىكا كالىفورنىيە داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇددىتى ئالتە يىل بولغان، 8556 نەپەر قۇرامىغان يەتكەن كىشى قاتناشقان تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، تاماكا چېكىش مەيۈسلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %41 ئاشۇرىۋېتىدىكەن. تاماكىنى ئۈزۈل-كېسىل تاشلاش ھەمدە تاماكا بار مۇھىتتىن ئىمكانقەدەر يىراق تۇرۇش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

  ئالتىنچى، چوڭقۇر دېڭىز قاتلاملىرىدا ياشايدىغان بېلىقلارنى كۆپ ئىستېمال يېيىش. نورۋېگىيەنىڭ 5000 پىدائىي قاتناشقان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، دائىم بېلىق (بولۇپمۇ سالمون بېلىقى، ماككېرېل بېلىقى، ساردىن بېلىقى قاتارلىق چوڭقۇر دېڭىزدا ياشايدىغان بېلىق) يەيدىغان كىشىلەر توپىنىڭ مەيۈسلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى كۆرىنەرلىك تۆۋەن بولىدىكەن. بېلىق گۆشى تەركىبىدىكى مول بولغان تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم بېلىق يېيىش، بېلىق يېيىشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلار بېلىق مېيى تولۇقلاش دورىسى ئىچىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

  يەتتىنچى، يېڭى مېۋە-چېۋە، كۆكتات ئىستېمال قىلىش. ئەنگلىيە لوندون داشۆ شۆيۈەنىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، يېڭى مېۋە-چېۋە، كۆكتاتنى ئاز يەيدىغان كىشىلەردە ئاسانلا چۈشكۈنلىشىش، مەيۈس بولۇش ئالامىتى كۆرىلىدىكەن.

  سەككىزىنچى، قەھۋەنى قەددىدىن زىيادە كۆپ ئىچمەسلىك. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، كوففېئىننىڭ كۆپ ئىستېمال قىلىنىشى ئادەمنىڭ كەيپىياتىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىدىكەن. ئۇ چوڭ مېڭىنىڭ بېسىم ئىنكاسىنى غىدىقلاپ، ئادرېنالىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلىتىپ، بۆرەك ئۈستى بېزى يۈكىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ ئاستا خاراكتېرلىك تەشۋىشلىنىش، ئالاقزادە بولۇش ۋە كەيپىياتى چۈشكۈن بولۇش قاتارلىق خەۋپنى ئاشۇرىدىكەن. تەركىبىدە كوففېئىن بار ئىچىملىكنى ئاز ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00تىن كېيىن تەركىبىدە كوففېئىن بار ئىچىملىكنى قەتئىي ئىچمەسلىك، ئۇنىڭ ئورنىغا چاي ئىچىش كېرەك.

  توققۇزىنچى، ھورمۇن تۈرىدىكى ھامىلىدار بولۇشتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش. دانىيە كوپېنھاگېن داشۆسىنىڭ 1 مىليوندىن ئارتۇق ئايال قاتناشقان تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ھورمۇن تۈرىدىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى ئادەملەرنىڭ مەيۈس بولۇش خەۋپىنى %23 ~ %34غىچە ئاشۇرىۋېتىدىكەن. ھورمۇن تۈرىدىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بايقىغاندا، ئەڭ ياخشىسى باشقا دورىلارنى ياكى باشقا خىل ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك ئىكەن.

  ئونىنچى، ئانتىبىئوتىكنى كۆپ ئىشلەتمەسلىك. ئىسرائىلىيە تراۋىف داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، پەقەت بىر داۋالاش باسقۇچىدىكى ئانتىبىئوتىكلار(جۈملىدىن خىنوكېتون تۈرىدىكىلەر ۋە خىرونون تۈرىدىكىلەر)نى ئىستېمال قىلغاندا، مەيۈسلۈك ۋە تەشۋىشلىنىش خەۋپى تەخمىنەن %25 ئاشىدىكەن؛ ئىككى داۋالاش باسقۇچتىن بەش داۋالاش باسقۇچغىچە ئىستېمال قىلغاندا مەيۈسلۈك ۋە تەشۋىشلىنىش خەۋپى %50 ئاشىدىكەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئانتىبىئوتىكلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى مەيۈسلۈك خەۋپىنى ئاشۇرۇش مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ، قېتىق ئىچىش، پايدىلىق باكتېرىيە تولۇقلاش ۋە چېلىغان سەي يېيىشتەك ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردىمى بولىدىكەن، شۇ ئارقىلىق كەيپىيات يۇقىرى كۆتۈرىلىدىكەن.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ