مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاتا-ئانىلار كۆپ سۆزلەپ بەرسە، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ

2020.07.30 17:36 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ئەنگىلىيەلىك ئالىملارنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ياندا بىر «كوت كوت» بولسا، بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە بىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

  ئەنگلىيە يورك داشۆسى تەتقىقات گۇرۇپپىسى 2~4 ياشقىچە بولغان ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى بالىلارغا قارىتا سىناق ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا مىكرو ئۈنئالغۇ ئېسىپ قويۇپ، ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا باققۇچىلارنىڭ بالا بىلەن بولغان تىل ئالاقە ئەھۋالىنى كۆزەتكەن. نەتىجىدە، ئائىلىدە چوڭلارنىڭ تىل ئالاقىسى كۆپ بولسا،بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى، لوگىكىلىق تەپەككۇرى، ھېسابلاش ۋە شەكىل قاتارلىق غەيرى تىل ئىقتىدارىنىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرامىغا يەتكەنلەر ئالاقە قىلغاندا مول سۆزلەرنى ئىشلەتسە، بالىلارنىڭ سۆزلۈكلەرنى ئىگىلەش سۈرئىتىمۇ تېز بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر بىر ئائىلىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋالىدا پەرق بەك چوڭ بولۇپ، بالىلار بىلەن تىل جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇش ئەڭ كۆپ بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆزلەش مىقدارى ھەتتا ئوتتۇرىچە سەۋىيەگە يېتىدۇ. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، تىل چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋاقتى ئىلگىرىكى تەسەۋۋۇردىن خېلىلا بالدۇر ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئاتا - ئانىلار ئۆزىنى تولۇق ئىپادىلىشى ھەمدە بالىلارنىڭ ھەرىكىتىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇشى، بالىلارنىڭ تەشۋىشلىنىش تۇيغۇسى،ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرى ۋە ئاسىيلىق قىلىش ئالامەتلىرىنى ئازايتىشقىمۇ پايدىلىق ئىكەن.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ