بىرىنچى، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن ئارتۇق ئوتتۇراھال دەرىجىدە چېنىقىش.
ئىككىنچى، ياكى ھەر ھەپتىدە جەمئىي 150 مىنۇت ئوتتۇراھال دەرىجىدە ياكى 75 مىنۇت كۈچلۈك دەرىجىدە چېنىقىش.
ئۈچىنچى، ھەر كۈنى 6000~10000 قەدەملىك بەدەن ھەرىكىتى مىقدارىغا يېتىش.
تۆتىنچى، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشتا ھەر كۈنى 45 مىنۇتتىن ئارتۇق ئوتتۇراھالدىن تۆۋەن دەرىجىدە ھەرىكەت قىلىش.
بەشىنچى، كەم دېگەندە بىر تۈرلۈك ئۆزى قىزىقىدىغان تەنھەرىكەت تۈرى بولۇش ياكى بىر تۈرلۈك ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرىنى ئىگىلەش.
ئالتىنچى، ئۆيگە ئائىلە ئەزالىرى ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىغان كىچىك، قولايلىق، مەشغۇلاتى ئوڭاي بولغان چېنىقىش ئۈسكۈنىسى سەپلەش.
يەتتىنچى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر كۈنى مەكتەپ سىرتىدا تەبىئىي نۇر بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى بىر سائەتتىن ئارتۇق بولۇش.
سەككىزىنچى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەر كۈنى 30 مىنۇتلۇق دەرس ئارىلىقىدىكى تەنتەربىيە پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش.
توققۇزىنچى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەر كۈنى كەم دېگەندە بىر سائەت ئوتتۇراھال دەرىجىلىك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش.