بىرىنچى، تاماكا چېكىش ۋە ئىككىلەمچى تاماكىنىڭ ئېغىر خەتىرىنى تولۇق تونۇپ يېتىڭ.
ئىككىنچى، تاماكا چەكمىسىڭىز تاماكا چېكىشنى سىناپ باقماڭ.
ئۈچىنچى، تاماكا چېكىدىغانلار ئامال بار تاماكا تاشلاڭ. تاماكىنى قانچە بالدۇر تاشلىيالىسىڭىز شۇنچە ياخشى، قاچان تاشلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر كېچىككەن ھېسابلانمايسىز.
تۆتىنچى، تاماكىسىز ئائىلە قۇرۇڭ، ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ ئىككىلەمچى تاماكا زىيىنىغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.
بەشىنچى، تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنغان جايدا تاماكا چەكمەڭ.
ئالتىنچى، ھەرقانداق سەۋەبنى باھانە قىلىپ زەھەرلىك بۇيۇملارنى سىناپ باقماڭ.
يەتتىنچى، تاماكا زىيىنى ۋە ئىككىلەمچى تاماكا زىيىنى قاتارلىق تاماكا چېكىشنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلاملىق تەربىيەسى دەرسلىكىگە كىرگۈزۈش كېرەك.
سەككىزىنچى، بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يىراق تۇرۇڭ.
توققۇزىنچى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تاماكا ساتماسلىق كېرەك.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ