مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراشتىكى يەتتە ساۋات

2020.07.30 17:34 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  بىرىنچى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توغرا بولغان كىتاب ئوقۇش، خەت يېزىش قىياپىتىنى ساقلىشى كېرەك: قەلەم تۇتقان بارماق ئۇچى قەلەم ئۇچىدىن بىر سۇڭ يىراق تۇرۇشى، كۆكرەك قىسىمى ئۈستەلدىن بىر مۇشت يىراق تۇرۇشى، كىتاب كۆزدىن بىر چى يىراق تۇرۇشى كېرەك.

  ئىككىنچى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش، خەت يېزىشتا كۆزنى ئۇدا ئىشلىتىش ۋاقتى 40 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلمىغان ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانلىق ئۈسكۈنىلەرنى بىر قېتىم ئىشلىتىش ۋاقتى 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ھەر كۈندىكى جەمئىي ئىشلىتىش ۋاقتى بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  تۆتىنچى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ ئۆگىنىش قىلغان ۋاقتى 30~40 مىنۇت بولغاندىن كېيىن، 10 مىنۇت ئارام ئېلىپ يىراققا قاراپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  بەشىنچى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۈندە چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن بىر قېتىم كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى ئىشلەشكە قەتئىي تەشكىللەش كېرەك.

  ئالتىنچى، ئۇزۇن ۋاقىت كومپىيۇتېردا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغانلارنىڭ ھەر 1~2 سائەت ئارىلىقىدا بىر ئارام ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  يەتتىنچى، باشلانغۇچ مەكتەپ 1-، 2-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا قەغەز يۈزىدە ئىشلەيدىغان تاپشۇرۇق قالدۇرماسلىق، 3-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەغەز يۈزىدە ئىشلەيدىغان تاپشۇرۇقنى ئىشلەش ۋاقتى 60 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 90 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ