مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلار ناچار كەيپىياتتا بولغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرسا ئاسان خامۇش بولمايدۇ

2020.07.30 17:33 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ياش-ئۆسمۈرلەردىكى خامۇشلۇق كېسىلى پۈتۈن يەر شارى بويىچە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشكەن ساغلاملىق مەسىلىسىگە ئايلاندى. ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە تەخمىنەن %17 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىلگىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خىيالىدا بولۇپ باققان، %13تىن ئارتۇق كىشى ئىلگىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش پىلانىنى تۈزۈپ باققان، %7.4 كىشى ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغان. ئامېرىكا روچېستېر داشۆسى بىلەن ئېممېرى داشۆسىنىڭ يېقىندا بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، پاسسىپ كەيپىياتىنى توغرا ھەم كونكرېت تەسۋىرلەپ بېرىشنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ خامۇشلۇقتىن يىراق تۇرۇپ، روھىي ساغلاملىقىنى ساقلىشىغا ياردىمى بولىدىكەن.

  تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىچە يېشى تەخمىنەن 16 ياش بولغان 233 ياش-ئۆسمۈر (بۇنىڭ ئىچىدە %54ى قىز)نى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ خامۇشلۇق كەيپىياتىغا دىياگنوز خاراكتېرلىك باھا بەرگەن. ئاندىن، سىناققا قاتناشقۇچىلار بىر ھەپتە ئىچىدە ھەر كۈنى تۆت قېتىم ئۆز كەيپىيات ھالىتىنى دوكلات قىلغان. مۇددىتى بىر يېرىم يىل بولغان ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، تەتقىقاتچىلار پاسسىپ كەيپىياتىنى پەرقلەندۈرۈشكە ۋە ئىپادىلەشكە ماھىر بولمىغان ياشلاردا تۇرمۇش بېسىمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاسانلا خامۇشلۇق كېسىلى ئالامىتى پەيدا بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

  تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورى، روچېستېر داشۆسىنىڭ پىسخولوگىيە ياردەمچى پىروفېسسورى لىسا سىتار چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: بالىلىق مەزگىلى ۋە قۇرامىغا يېتىش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، كىشىلەرنىڭ ياش-ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە پاسسىپ كەيپىياتنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئەڭ تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ. پاسسىپ كەيپىيات ئوتتۇرىسىدىكى ئىنچىكە پەرقلەرنى چۈشىنىش، پەرقلەندۈرۈش ھەمدە مۇۋاپىق سۆز-ئىبارىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق كەيپىياتىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرىش ئىقتىدارى بالىلارنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىيالايدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، كىشىلەر پاسسىپ كەيپىياتىنى «كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس» دەپ تومتاق ئىپادىلىگەنگە قارىغاندا، «مېنىڭ ئاچچىقىم كەلدى» «مەن بەك ئۈمىدسىزلەندىم» «مەن بەك خىجىل بولدۇم» دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەر ئارقىلىق ئېنىق ئېيتىپ بېرەلىسە، پاسسىپ كەيپىياتنى ھەل قىلىدىغان تېخىمۇ ياخشى لايىھەگە ئېرىشەلەيدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ