مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇل خەجلەش ئۇسۇلى خاراكتېرنى ئىپادىلەيدۇ

2020.07.30 17:31 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  بەزىدە، بىر ئادەمنىڭ بىلىپ بىلمەي قىلغان ھەرىكىتى ئۇنىڭ خاراكتېرىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. يېقىندا، ئەنگلىيەنىڭ لوندون داشۆسى شۆيۈەنىدىكى پىسخولوگلارنىڭ بايقىشىچە، بىر كىشىنىڭ پۇل خەجلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ خاراكتېرىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار باش ئىشتابى ئەنگلىيەگە جايلاشقان بىر پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بانكىدا ھېساباتى بار 2000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ماقۇلنامىسىگە ئېرىشكەن ھەمدە سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىغان، بۇنىڭدا جەمئىي 2 مىليون ئىناۋەت كارتىسى سودىسى ۋە بانكا سودىسى خاتىرىسى بار ئىكەن.

  نەتىجىدە ئوخشىمىغان خاراكتېردىكى كىشىلەرنىڭ پۇل خەجلەش جەھەتتە ھەقىقەتەن پەرقلىنىدىغانلىقى بايقالغان. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىدىيەسى ئوچۇق، قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشىلەر ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىش جەھەتكە كۆپ پۇل خەجلەيدىكەن، ئوچۇق مىجەزلىك كىشىلەر يېمەك-ئىچمەك ۋە ھاراق ئىستېمالىغا كۆپ پۇل خەجلەشكە مايىل كېلىدىكەن، چىقىشقاق كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ پۇلىنى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپپاراتىغا ئىئانە قىلىدىكەن، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ پۇلنى بانكىغا ئامانەت قويۇش خاھىشى كۈچلۈك كېلىدىكەن، ھالبۇكى، ماددىي تۇرمۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ پۇلنى ئۈنچە-مەرۋايىت سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلىپ، ئاز قىسىمىنى ئىئانە قىلىشقا ئىشلىتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىنى كونترول قىلىشچانلىقى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ بانكا كارتىسى خىراجىتى ئاز بولىدىكەن، كەيپىياتى تۇراقسىز كىشىلەر رەنىلىك قەرز پۇلنى ئاز ئالىدىكەن. مەيلى ياشانغان ياكى ياش بولسۇن، مائاشى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسىنىڭ مۆلچەر نەتىجىسى ئاساسەن ئوخشاش چىققان. ئەمما، ئىنتايىن نامرات رايونلاردا ياشايدىغان كىشىلەرنى مۆلچەرلەش تەسكە توختىغان. بۇ ئەھۋالنى مۇنداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئىكەن، نامرات رايونلاردىكى كىشىلەر تەمىنلىگەن ئىستېمال قېتىمى ئاز بولۇپ، بۇنىڭ كىشىلەرنىڭ پىسخىك قىزىقىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى تەسكە توختايدىكەن.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ