مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلارنى كەيپىياتىنى ياخشى تىزگىنلەشكە يېتەكلەپ، قايغۇ-ھەسرەتتىن يىراقلاشتۇرايلى

2020.07.30 17:03 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى روھىي پىسخىكا بۆلۈمىدىن سۈي يۇڭخۇا

  مېدىتسىنا «تۈجۈپىلىك مېدىتسىنا»غا قاراپ قەدەم ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كەيپىياتىنى قانداق تۈجۈپىلەپ تىزگىنلەش ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا بالىلارنى قايغۇ-ھەسرەتتىن يىراقلاشتۇرىدىغان ئەڭگۈشتەر ھېسابلىنىدۇ.

  كەيپىياتنى تىزگىنلەشتىكى بىرىنچى قەدەم: ھەربىر كەيپىياتقا بەلگە قويۇش

  بىز بالىلارنىڭ ھەر خىل كەيپىياتلىرىنى، يەنى ھاياجانلىنىش، ئۈمىدسىزلىنىش، مەغرۇرلىنىش، يالغۇزلۇق ھېس قىلىش، ئۈمىدلىنىش قاتارلىق كەيپىياتلىرىنى ھەر ۋاقىت كۆرسىتىپ، بالىلارنىڭ كەيپىيات سۆزلۈك ئامبىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتسەك بولىدۇ.

  بالىلار پەرقلەندۈرەلەيدىغان كەيپىيات قانچە كۆپ بولسا، ئۇ كەيپىياتىنى شۇنچە ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ، ھالبۇكى، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ئېنىق ئىپادىلەش كەيپىياتنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. كەيپىياتىنى ئېنىق ئىپادىلىگەندە، بالىلار ئاندىن پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ، چارە ئىزدىيەلەيدۇ، بەزىدە، بالىلار پەقەت كەيپىياتىنى ئىپادىلەپ بەرسىلا، كەيپىيات مەسىلىسى ھەل بولىدۇ.

  كەيپىياتنى تىزگىنلەشتىكى ئىككىنچى قەدەم: ھەر كۈنى ياخشى ئىشلارنى خاتىرىلەش

  پىسخولوگلار بەخت تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئارىلىشىش تەجرىبىسى ئىشلىگەندە، بەزى چارىلەرنىڭ قارىماققا ناھايىتى ئاددىي كۆرۈنسىمۇ لېكىن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى بايقىدى. مەسىلەن: شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ياخشى ئىشلارنى خاتىرىلەپ، شۇ ئىشنىڭ ئۆزىنى نېمە ئۈچۈن خۇش قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش؛ ئۆزىنىڭ ياخشى تەرىپىنى نامايان قىلىدىغان ئىشلارنى يېزىش، ھەمدە ھەر كۈنى تەكرارلاش. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ھەر كۈنى ئۆزىنى خۇش قىلغان ئۈچ ئىشنى خاتىرىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولغان، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىمۇ ئۇزۇن بولغان.

  كەيپىياتنى تىزگىنلەشتىكى ئۈچىنچى قەدەم: ئۆزىنىڭ كەيپىياتىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇش

  كەيپىياتنى تىزگىنلەشتىكى ئۈچىنچى قەدەمدە، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئۆز قىلمىشى ۋە كەيپىياتىغا مەسئۇل بولۇشنى ئۆگىتىش كېرەك. ئوخشاشلا، ئاتا-ئانىلارمۇ ئۆزىنىڭ كەيپىياتىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇشى، ناچار كەيپىياتىنى بالىلارغا دۆڭگەپ قويماسلىقى، ئاچچىقىنى بالىلاردىن چىقارماسلىقى كېرەك.

  كەيپىياتنى تىزگىنلەشتىكى تۆتىنچى قەدەم: پاسسىپ كەيپىياتنى قوبۇل قىلىش

  ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ پاسسىپ كەيپىياتىنى ئىنكار قىلماسلىقى، بېسىم ئىشلەتمەسلىكى، كەمسىتمەسلىكى، گۇمانلانماسلىقى كېرەك، «بۇنىڭ قورقۇدەك نېمىسى بار؟» «ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى» «خاپا بولۇشقا يولۇڭ بارمىتى؟» دېگەندەك گەپلەرنى قىلماسلىقى كېرەك، بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ پاسسىپ كەيپىياتىنى قوبۇل قىلىشقا، پەرقلەندۈرۈشكە ياردەملىشىشى، يەنە تېخى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى ئۆگىتىشى كېرەك، بۇ كەيپىيات باشقۇرۇشنىڭ تۆتىنچى قەدىمى.

  كەيپىياتنى تىزگىنلەشتىكى بەشىنچى قەدەم: بالىلارغا ئۆزىنىڭ پاسسىپ كەيپىياتىنى بىر تەرەپ قىلىشقا پۇرسەت بېرىش

  بالىلار ئاچچىقلىغاندا، ئۆزلىكىمىزدىنلا بەزلىگىمىز كېلىدۇ. ئەگەر پاسسىپ كەيپىياتنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتكەن بولساق، ناچار كەيپىياتنى تىزگىنلەشكە ئالدىراپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق، ھەمدە بالىغا ئىمكانقەدەر ناچار كەيپىياتىنى ھېس قىلىشنى، پەرق ئېتىشنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنى تىنچلاندۇرۇشغا پۇرسەت بەرگەن بولاتتۇق. ھەر قېتىم بالىلار ئۆزىنى تىنچلاندۇرغاندا كەيپىياتىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى بىر قېتىم چىنىققان بولىدۇ، مانا بۇ كەيپىيات باشقۇرۇشنىڭ بەشىنچى قەدىمى.

  كەيپىياتنى تىزگىنلەشتىكى ئالتىنچى قەدەم: بالىلارغا پاسسىپ كەيپىياتنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئامال ئۆگىتىش

  پاسسىپ كەيپىياتلارغا قارىتا كۆپ تەھلىل قىلىش، كۆپ ئويلىنىش، ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا كەيپىياتنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. كەيپىياتنى تىزگىنلەشتىكى ئالتىنچى قەدەم بولسا، بالىلارغا ماس كېلىدىغان پاسسىپ كەيپىياتنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى ئۆگىتىشتۇر، دائىم قوللىنىلىدىغان چارىلەر:

  تىنچلىنىش ئۇسۇلى: سان ساناش، چوڭقۇر نەپەسلىنىش.

  دىققەتنى بۇراش ئۇسۇلى: گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش، ناخشا ئاڭلاش، ھەرىكەت قىلىش، قىزىقىدىغان مەلۇم ئىشلارنى قىلىش.

  ئاچچىقنى چىقىرىش ئۇسۇلى: سافا مۇشتلاش، ياستۇق مۇشتلاش(بىراق بۇ ئامالنى ئادەم ئۇرۇشقا ئامراق بالىلارنىڭ قوللىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك)، قەغەز يىرتىش.

  دەرت تۆكۈش ئۇسۇلى: باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش، كۈندىلىك خاتىرە يېزىش، خالىغانچە رەسىم سىزىش.

  يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن «ئالتە قەدەم» نى بىر جۈملىگە يىغىنچاقلىساقمۇ بولىدۇ، يەنى، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلىشتا، بالىلارنىڭ ھاياتىدىكى ھەربىر كەيپىياتلىرىنى ھېس قىلىشقا ھەمراھ بولۇشى، ئاندىن بالىلارنىڭ ھەربىر كەيپىياتىغا بەلگە قويۇشنى ئۆگىتىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ