مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ يېمەكلىكىگە شېكەر قوشۇشقا بولمايدۇ

2020.07.30 17:03 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  تاتلىق تەم بالىلارنىڭ تەم سەزگۈسىنى قوزغىتالايدۇ، بىراق ساغلاملىق ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلارنىڭ گېلىنى باشقۇرۇشى كېرەك. 7- ئاينىڭ 15- كۈنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، 2016- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە ئەنگلىيە، دانىيە ۋە ئىسپانىيە بازىرىدا بوۋاقلار يېمەكلىكلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرگەنلىكىنى، تەكشۈرۈش جەريانىدا، قىسمەن ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىنىڭ يېمەكلىكلەرگە گورۇڭ (果蓉) قاتارلىقلارنى قوشۇپ شېكەر تەركىبىنى ئاشۇرغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ يېمەكلىكلەرنى داۋاملىق ئىستېمال قىلغاندا، بوۋاقلاردا چىشى قۇرتلاش، سەمىرىش قاتارلىق كۆپ خىل ساغلاملىق مەسىلىلىرى كېلىپ چىقىدىكەن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىنىڭ ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ يېمەكلىكىگە شېكەر قوشۇشىنى چەكلەش تەكلىپىنى بەردى.

  بۇ قېتىملىق شېكەر چەكلەش ھەرىكىتى تۇنجى قېتىملىقى ئەمەس. 2015- يىلى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى «قۇرامىغا يەتكەنلەر ۋە بالىلارنىڭ شېكەر قوبۇل قىلىش مىقدارى قوللانمىسى»دا كىشىلەرگە ئىيونلاشقان شېكەر قوبۇل قىلىش مىقدارىنى بىر ئۆمۈر چەكلەش تەكلىپىنى بەرگەن، ھالبۇكى بۇ قېتىمقى ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا قارىتىلغان شېكەر چەكلەش ھەرىكىتى ئاساسلىقى ئىيونلاشقان شېكەرنىڭ بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان تەسىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقىدىن بولغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق تەكلىپ بەردى: يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى بوۋاقلار يېمەكلىكىگە شېكەر ياكى تاتلىق خۇرۇچ قوشماسلىقى كېرەك، ئەگەر ئىچىملىكلەر تەركىبىدە شېكەر بولسا قېپىغا بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ يېزىپ قويۇشى كېرەك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بوۋاقلار يېمەكلىكلىرى قوللانمىسىنى يېڭىلايدىغانلىقىنى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قانۇن چىقىرىپ، بوۋاقلارنىڭ كۆپ مىقداردا شېكەر قوبۇل قىلىشىدىن ساقلىنىشىنى ئېيتتى.

  ئۇنداقتا، تەركىبىدە شېكەر بولغان يېمەكلىكلەر بوۋاقلاردا قانداق ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

  بىرىنچى، چىشى ئاسانلا قۇرتلاش.

  ئىككىنچى، تاماق تاللايدىغان بولۇش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك.

  ئۈچىنچى، ئاسان سەمىرىپ كېتىش.

  تۆتىنچى، ئاسانلا يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قېلىش.

  بەشىنچى، ئۆمۈرلۈك يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە تەسىر كۆرسىتىش.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ