مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تومۇز كۈنلىرى، ئەمەلىيەتتە سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك

2020.07.30 17:01 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ھەر يىلى يازدا، تومۇز كىرىشى بىلەن يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق، ئىسسىق، نەملىك دەرىجىسى يۇقىرى «ھورداق كۈنلەر» ئارقار-ئارقىدىن كۆرۈلۈپ، پىژغىرىم ئىسسىققا چىدىغىلى بولمايدۇ، ھەرخىل ساغلاملىق مەسىلىلىرىمۇ كەينى-كەينىدىن پەيدا بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر «تومۇز كۈنلىرىدە ھېچنىمىگە قارىماي ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك» دەپ قارايدۇ، بىراق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەمەلىيەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، يازدا بەدەنگە سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك ئىكەن، تومۇزدا بەدەنگە سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىنمۇ مۇھىم ئىكەن. نۇرغۇن كىشى تومۇز كۈنلىرىدە قىلىدىغان پات-پات سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش، سوغۇق سۇغا چىلىنىش، ھاۋا تەڭشىگۈچتە سالقىنداش، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىش، سوغۇق سەي، توڭلاتقۇدا ساقلانغان مېۋىلەرنى يېيىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سوغۇقنىڭ بەدەنگە كىرىپ كېتىشىدىكى مەنبە ئىكەن. بولۇپمۇ، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، كىچىك بالىلار سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىچسە، چوڭلارغا قارىغاندا بەكرەك زىيان قىلىپ، ئاسانلا بۇرۇن ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى قاتارلىق نەپەس كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن ھەمدە بادام بەز ياللۇغى، قىزىتمىسى ئۆرلەش، تال، ئاشقازان بىئارام بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر قايتا-قايتا كۆرۈلىدىكەن. تومۇز كۈنلىرىدە قانداق كۈتۈنۈش كېرەك؟ خانىم-قىزلار بەزى ئۈنۈملۈك تومۇز ئىسسىقتا بەدەنگە سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ساقلىنىش جۇڭيىچە ئەپچىل چارىلەرنى سىناپ باقسا، ئىشىنىمىزكى، چوقۇم بۇ چىدىغۇسىز تومۇز كۈنلىرىدىن ئامان-ئېسەن، راھەت چىقالايدۇ.

  7-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، مۇشۇ يىللىق 40 كۈنلۈك تومۇزغا قەدەم قويىمىز. تومۇزغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئۇدا كۆرۈلىدىغان «ھورداق كۈنلەر» كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. تومۇز كۈنلىرىدىكى ئىسسىق بەك كۈچلۈك بولۇپ، جۇڭيى دوختۇرلىرىنىڭ قارىشىچە، نۇرغۇن «كېسەل يىلتىزى»لىرى تومۇز كۈنلىرىدىن قالىدىكەن. جېڭجوۋ شەھەرلىك ئىككىنچى خەلق دوختۇرخانىسى جۇڭيى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن كىشىلەر تومۇز كۈنلىرىدە ھېچنىمىگە قارىماي ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، دەپ قارايدۇ، بىراق دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، تومۇز كۈنلىرى ئېھتىيات قىلىشقا تېگىشلىكى بەدەنگە سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشتۇر.

  تومۇز كۈنلىرى، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز يەپ بەدەنگە سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك

  تومۇز كۈنلىرى ھاۋا ئىسسىق بولىدۇ، بەدەن كۆپ تەرلەيدۇ، ئېنىرگىيە كۆپ خورايدۇ، ئاسانلا چارچاش، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى چېكىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق مۇۋاپىق تەڭشىمىسە، نامۇۋاپىق غىزالانسا، ئاسانلا ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، كېسەل بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، نۇرغۇن كىشى تومۇز كۈنلىرىدە سوغۇق سۇدا يۇيۇنىدۇ، سوغۇق سۇغا چىلىنىدۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچتە سالقىندايدۇ، سوغۇق ئىچىملىك ئىچىدۇ، سوغۇق سەي، توڭلاتقۇدا ساقلانغان مېۋە يەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھەممىسى سوغۇقنىڭ بەدەنگە كىرىپ كېتىشىدىكى مەنبە.

  تومۇز كۈنلىرىدە كۈتۈنگەندە «تۆت چوڭ ئىنتىزام»نى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك

  بىرىنچى: سوغۇق شامالنىڭ ئۇدۇل ئۇرۇلۇشىدىن، ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇلۇشىدىن ساقلىنىش.

  ئىككىنچى: ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇش، كۆپ تەرلەش.

  ئۈچىنچى: سوغۇق يېمەك-ئىچمەكنى ئاز ئىستىمال قىلىش.

  تۆتىنچى: گالنى ۋە دۈمبىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى ياخشى ئاسراش.

  تومۇز كۈنلىرىدە بەدەنگە سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان ئەپچىل چارىلەر

  بىرىنچى، زۇسەنلى پەللىسىنى پات-پات ئۇۋىلاش.

  ئىككىنچى، زەنجىۋىل چېيى ئىچىش.

  ئۈچىنچى، قوي گۆشى يېيىش.

  تۆتىنچى، يىلمان سۇغا پۇت چىلاش.

  بەشىنچى، سەنفۇ(تومۇز) چاپلىقى چاپلاش.

  ئالتىنچى، سەنفۇجيۇۋدا داغلاش.

  يەتتىنچى، لوڭقا قويۇش.

  سەككىزىنچى، ئەمەن سېلىنچىدا ئولتۇرۇش.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ