مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۈرەك بۇ سىگناللارنى تارقاتقاندا، چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك

2020.07.30 16:26 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  يۈرىكىڭىز مىنۇتىغا قانچە قېتىم سوقىدۇ ؟

  نورمال ئادەم تىنچ ھالەتتە تۇرغاندا، يۈرەك مىنۇتىغا 60-100 قېتىم سوقىدۇ. يۈرەك دالانچىسى تىترىگەندە، يۈرەك سوقۇش تېزلىشىپ، بەزىدە مىنۇتىغا 100-160 قېتىم سوقىدۇ، بۇ نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن خېلى تېز، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇنىيەتلىك ئەمەس، بۇنداق ئەھۋالدا يۈرەك دالانچىسى ئۈنۈملۈك تارىيىش فۇنكىسىيەسىنى يوقىتىدۇ.

  ئۇنداقتا، يۈرەك دالانچىسى تىترەش دېگەن نېمە؟ يۈرەك دالانچىسى تىترەش قىسقارتىلىپ دالانچە تىترەش دېيىلىدۇ، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىزلىنىش تاجىسمان يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، مېڭە سەكتىسى ۋە يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

  كۆپ قىسىم بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۈرەك دالانچىسى تىترىگەندە ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن ئاز ساندىكى بىمارلاردا يۈرەك دالانچىسى تىترەشنىڭ روشەن ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن، دەككە-دۈككە بولۇش، يۈرەك دالانچىسى بالدۇر سوقۇش ياكى دالانچە مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش قاتارلىقلار. قوزغىلىش قېتىم سانى ۋە داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، يۈرەك دالانچىسى تىترەش ئالامەتلىرىدىمۇ روشەن پەرق بولىدۇ. كۆپ قىسىم يۈرەك دالانچىسى تىترەش بىمارلىرىدا دەككە-دۈككە بولۇش، كۆكرەك سىقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش، نەپەس قىيىنلىشىش، باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ھۇشسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۈرەك دالانچىسى تىترەش باشلانغاندا، بىمارنىڭ يۈرەك دالانچىسىنىڭ تارىيىش فۇنكىسىيەسى ئاجىزلاپ، قان سۇيۇقلىقى تەدرىجىي ھالدا دىۋارغا چاپلاشقان قان نوكچىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، قان تومۇرلارنى توسۇۋېلىپ، مېڭىگە قان تەمىنلەشنى ئۈزۈپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەكتە كېسىلى پەيدا بولىدۇ. لېكىن قىسمەن يۈرەك دالانچىسى تىترەش بىمارلىرىدا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ.

  يۈرەك دالانچىسى تىترەشنى پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ئامىللار نېمە؟ ياشنىڭ چوڭىيىشى يۈرەك دالانچىسى تىترەشنىڭ مۇھىم «ئىتتىرگۈچى»لىرىنىڭ بىرى، يۈرەك كېسىلى، مەسىلەن: يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، كىلاپان كېسىلى ۋە يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قاتارلىقلارمۇ يۈرەك دالانچىسى تىترەشنى پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قالقانسىمان بەز كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، يېتەرلىك داۋالانمىغاندا، دالانچە تىترەش خەتىرى ئېشىپ كېتىدۇ.

  يۈرەك دالانچىسى تىترەشنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك ؟ ئالدى بىلەن، يۈرەك قان تومۇرلىرىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان ئامىللارنى ياخشى كونترول قىلىش كېرەك، مەسىلەن: يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دورا ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش، قان بېسىمىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، تاجسمان يۈرەك كېسىلى ياكى يۈرەك كىلاپانىدا مەسىلە بار بىمارلار ۋاقتىدا داۋالىنىشى، كۈندىلىك ساغلاملىق كۈتۈنۈش ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك؛ زىيادە سەمىرىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىش، زىيادە سېمىز كىشىلەر ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر دائىم كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئاسانلا يۈرەك دالانچىسى تىترەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئاخىرىدا، ياخشى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش، ئەمگەك قىلىش ۋە دەم ئېلىش قانۇنىيەتلىك بولۇش، چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش، يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىنى ساقلاش، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش، تاماكا-ھاراق تاشلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك دالانچىسى تىترەشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ