مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆپكە راكىنى راستتىنلا داۋالىغىلى بولمامدۇ

2020.07.30 16:24 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  راك كېسىلى تىلغا ئېلىنسىلا، نۇرغۇن كىشى ئۇنى «ساقايماس كېسەل» دەپ قارايدۇ، بولۇپمۇ «راك كېسىلى ئىچىدىكى بىرىنچى قاتىل» دەپ ئاتالغان ئۆپكە راكى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر يىلدا بىر مىليون 600 مىڭ ئادەم ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولىدىغان بولۇپ، ئۆپكە راكى جۇڭگو، ھەتتا دۇنيا بويىچە كېسەل پەيدا بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە بولۇپ قالغان. لېكىن، ئۆپكە راكى راستتىنلا شۇنداق قورقۇنچلۇقمۇ؟ ساقايماس كېسەلمۇ؟

  ئۇنداق ئەمەس!

  1. ئۆپكە راكى زادى قانداق پەيدا بولىدۇ؟

  راك كېسىلى ئەمەلىيەتتە ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان بىر خىل كېسەللىك. ئۇنى پەيدا قىلغۇچى سەۋەب ئىچكى ئامىل بىلەن تاشقى ئامىلدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىچكى ئامىل ئاساسلىقى ئىرسىيەت، ئىممۇنىتېت ۋە ئىچكى ئاجراتما قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

  سىرتقى ئامىل تۇرمۇش ئادىتى ۋە مۇھىتىنى كۆرسىتىدۇ. بەزى كىشىلەر ئىشى بولمىسىمۇ تاماكا چېكىشنى ياقتۇرىدۇ، مانا بۇ ئۆپكە راكى كېسىلىگە ئاساس سالغانلىقتۇر. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تاماكا چېكىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەر توپىنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدىكەن.

  تۇرمۇش مۇھىتىمىزدا، ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشى، خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى ئەتراپىدا ئولتۇراقلىشىش، دائىم رادىيوئاكتىۋ قويۇپ بېرىدىغان سورۇنلار(مەسىلەن: كان) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆپكە راكى ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن. شۇڭا، بىز بۇنداق سورۇنلارغا كىرىپ-چىقىشتا، چوقۇم شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشقا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

  2. ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

  «بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش»نى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ.

  ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى 60 ياشتىن ئاشقانلار، تاماكا چېكىدىغان كىشىلەر ۋە بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ئىچىدە ئۆپكە راكى ياكى باشقا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپىدۇر.

  سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتە بەزى ئۆسمە بەلگە ماددىسى، ئانتىتېللانى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتى يۇقىرى بولغان ئەھۋالدىمۇ ئەنسىرەش ھاجەتسىز، سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتە، بۇ كۆرسەتكۈچلەرنىڭ يۇقىرى بولۇشى پەقەت پايدىلىنىش كۆرسەتكۈچى قىلىنىدۇ، كىلىنىكىدا دوختۇرلار ئۇزاق مۇددەتلىك كۆرسەتكۈچنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە چەتنەش دەرىجىسىگە ئاساسەن ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىدۇ.

  ۋاقتىدا داۋالانسا ساقىيىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، مېدىتسىنادا راك كېسىلى تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ:

  1-، 2-باسقۇچ: يەنى، ئادەتتە دېيىلىدىغان دەسلەپكى باسقۇچ. بۇ خىل بىمار بىۋاسىتە ئوپېراتسىيە قىلىنسا ساقايتقىلى بولىدۇ.

  3-باسقۇچ: قىسمەن ئاخىرقى باسقۇچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى بىمارلارغا نىسبەتەن كۆپ ھاللاردا ئوپېراتسىيە قىلىشنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسال داۋالاش قوللىنىدۇ، قوشۇمچە خىمىيەلىك داۋالاش، رادىياتسىيەلىك داۋالاش، نىشانلىق داۋالاش ۋە ئىممۇنىتېتلىق داۋالاشنىڭمۇ داۋالاپ ساقايتىش ئېتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.

  4-باسقۇچ: ئاتالمىش ئاخىرقى باسقۇچ. ئۆپكە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى بىمارلارنىڭمۇ ساقىيىش پۇرسىتى بولىدۇ. كىلىنىكىدا ئىممۇنىتېتنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، يەنىلا ئۇزاق مۇددەتلىك ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  3. ھازىرقى ئۆپكە راكىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى قايسىلار؟

  بىرىنچى خىلى ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، ئوپېراتسىيە قىلىش، خىمىيەلىك داۋالاش ۋە رادىياتسىيەلىك داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى خىلى نىشانلىق داۋالاش. نىشانلىق داۋالاش بەدەندىكى گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش ئورنىنى كونترول قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۈچىنچى خىلى ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش. ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش بەدەندىكى ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرىلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، راك ھۈجەيرىلىرىنى يوقىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇلاردىن باشقا، يەنە جۇڭيى تېبابىتى ۋە جۇڭيى دورىلىرى بىلەن داۋالىغاندا، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ