مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كېسەلگە ئىلمىي قاراش، ئوخشاش بولمىغان يۈرەك كېسەللىكلىرىگە ئوخشاش بولمىغان رېتسىپ قوللىنىش كېرەك

2020.07.17 17:16 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  1. يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى ئاغرىقلىرى

  (1) بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۆپەيتىش: ھەپتىدە بەش كۈن، كۈندە 30 مىنۇت ئوتتۇراھال سىجىللىقتىكى كۈچلۈك ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش كېرەك؛ (2) ناترىي تۇزى ئىشلىتىشنى قاتتىق كونترول قىلىش: كۈندىلىك تۇز ئىشلىتىش مىقدارىنى بەش گرامدىن تۆۋەن ھالەتتە كونترول قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ ھەمدە جياڭيۇ، تېتىتقۇ، تۇزغا چىلانغان تۈگۈنەك قىچا بېشى، قىزىل دۇفۇ قاتارلىق ناترىي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك؛

  (3) كالىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى مۇۋاپىق مىقداردا كۆپەيتىش: كۈندە 3.5 ~ 4.7 گرامغىچە، ئىمكان بار تەبىئىي يېمەكلىكلەردىن مەسىلەن، زىسەي، شياڭگۇ، ياڭيۇ، ماۋدۇ، ليەنزى، شياڭجياۋ، چېنزى قاتارلىق كۆكتات- مېۋىلەردىن قوبۇل قىلىش كېرەك؛

  (4) كالتسىي بىلەن ماگنىينىڭ مۇۋاپىق مىقداردا قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش: سۈت ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سېرىق پۇرچاق، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش كېرەك؛

  (5) ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك.

  2. قاندا ياغ كۆپىيىش كېسىلى، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى

  (1) كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى مۇۋاپىق ئازايتىپ، تاتلىق تۈرۈم، ئىچىملىك ۋە ئىنچىكە ئىشلەنگەن كەمپۈتلەرنى ئىستىمال قىلىشنى كونترول قىلىش؛

  (2) قېنىق رەڭلىك كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، كۆكتات-مېۋە تەركىبىدىكى مول يېمەكلىك تالالىرى ۋىتامىن C ترىگلىتسېرىدنى تۆۋەنلىتىش، خولېستېرىننىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق؛

  (3) ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم غىزالىنىش، زىيادە تويۇنۇشتىن ساقلىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە تاماكا ۋە قېنىق چاي ئىچىشتىن ساقلىنىش؛

  (4) ئەڭ ياخشىسى ھاراق ئىچمەسلىك، ئەگەر ھاراق مىقدارىغا چەك قويۇلسا، كەسپىي دوختۇرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

  3. جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى ئاغرىقلىرى

  (1) دورا ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش كېرەك، بۇ سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش دورىسى، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى ۋە ئۇنىڭ قاندىكى ناترىي ھەم كالىي سەۋىيەسى، بۆرەك ئىقتىدارى ۋە سۇيۇقلۇق تولۇقلاش مىقدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

  (2) قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېلېكتىرولىت تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش؛

  (3) يېمەكلىك تۈرى ۋە مىقدارى تەرتىپلىك بولۇش، سۇيۇق-سەلەڭ يېمەك-ئىچمەكتىن قويۇق يېمەك-ئىچمەككە، تۇزسىز، ياغسىز يېرىم سۇيۇق يېمەك-ئىچمەكتىن تۇزسىز، ياغسىز يۇمشاق يېمەكلىكلەرگە، تۇزسىز، ياغسىز ئادەتتىكى يېمەكلىكلەرگە تەدرىجىي ئۆتۈش؛

  (4) زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە قىزىق يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىش، قېنىق چاي ۋە قەھۋەنىمۇ مۇۋاپىق ئىچىش كېرەك؛ (5) مول يېمەكلىك تالالىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، مېۋە تەركىبىدىكى ئېرىشچان يېمەكلىك تالالىرى قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

  4. ئاستا خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىشىش ئاغرىقلىرى

  (1) ئوزۇقلۇق رېتسېپىدا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ ئومۇمىي ئاقسىلنىڭ 1/2 ~ 2/3 قىسمىنى ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛

  (2) كۈندىلىك سۇيۇقلۇق مىقدارى 1000 ~ 1500 مىللىلېتىرغىچە بولغان، ئىمكان بار يۇقىرى ئېنېرگىيە زىچلىقىدىكى يېمەكلىكلەرنى تاللاش؛

  (3) ناترىي تۇزىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئەڭ ياخشىسى كۈنىگە ئۈچ گىرامدىن ئاز بولۇشى كېرەك؛

  (4) ئانئورگانىك تۇز ۋە ۋىتامىنلارنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەسىلەن، كالتسىي، ماگنىي، ۋىتامىن C، ۋىتامىن B تۈرىدىكىلەر؛ ئېلېكترولىت تەڭپۇڭلۇقىغا دىققەت قىلىش؛ ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم غىزالىنىش، كۈنىگە 5 ~ 6 قېتىم غىزالانسا مۇۋاپىق بولىدۇ؛ تاماكا، ھاراق تاشلاش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ