مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يان تېلېفون، كومپىيۇتېر، تېلېۋىزورنى ئۇزۇن كۆرۈپ، كۆز بىئارام بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟

2020.06.04 16:42 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  يۇقۇم مەزگىلىدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيىدىن سىرتقا چىقماي كومپىيۇتېر، يان تېلېفون ئويناپ، تېلېۋىزور كۆردى؛ ئىشنىڭ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن خىزمەتچىلەر كۈندە ئېكرانغا قاراپ خىزمەت قىلدى... بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆزنى بىئارام قىلىپ، كۆز قۇرغاقلىشىش، كۆز چىڭقىلىش، نۇردىن قورقۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇنداق ئەھۋاللاردا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

  ئېكران كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆز قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

  بىرىنچى: ئېكران ئىشلىتىش سورۇنىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، دېرىزىنى قەرەللىك ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئۆي ئىچىگە نەملىك ئاشۇرغۇچ ۋە يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى قويۇپ ھاۋانىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى: ئېكراننى توغرا ئورۇنغا قويۇش كېرەك، ئېكراننى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ شامال چىقىش ئېغىزىغا قويماسلىق، ئېكراننى كۆزدىن تۆۋەنرەك ئورۇنغا قويۇش، 8 گىرادۇستىن 16 گىرادۇسقىچە بولغان ۋېرتىكال يۆنىلىشتىكى كۆرۈش بۇلۇڭى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، مۇۋاپىق بولغان كۆز ئىشلىتىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش، ئېكراندا ئۇدا مەشغۇلات قىلغاندا، مۇۋاپىق دەم ئېلىپ، يىراققا نەزەر تاشلاپ، كۆزنى ئارام ئالدۇرۇش كېرەك، كۆز ئۇۋىلاش ھەرىكىتى كۆز سىرتقى بەز تەنچىسىنىڭ ياش ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  تۆتىنچى، ناچار تۇرمۇش ئادىتىنى تاشلاش. ئېكران بار خىزمەت سورۇنىدا تاماكا چەكمەسلىك، ئېكرانغا ئۇزۇن ۋاقىت قارىغاندا ئەڭ ياخشىسى يوشۇرۇن ئەينەك تاقىماسلىق كېرەك.

  بەشىنچى، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، يېتەرلىك ئۇخلاش.

  ئالتىنچى، كۆز قۇرغاقلىشىش شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك كۆز كېسەللىكلىرىنى ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك. كۆز قۇرغاقلىشىشنى بەلكىم باشقا كۆز كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، سوزۇلما خاراكتېرلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى قاتارلىقلار. ئەگەر كۆز قۇرغاقلىشىش ياكى مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بولسا، ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.

  ئېكرانغا كۆپ قارايدىغان كىشىلەر توپى كۆز ئاستى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار:

  بىرىنچى، پۈتۈن بەدەنگە مۇناسىۋەتلىك بىرلەمچى كېسەللىكلەرنى مەسىلەن، يۇقىرى قان بېسىم، دىئابېت كېسىلى قاتارلىقلارنى تىزگىنلەش ۋە داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  ئىككىنچى، ياخشى بولغان كۆز ئىشلىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كۆز ئىشلىتىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىش، دائىم يىراققا نەزەر سېلىش، كۆزنى نورمال ئىشلىتىش، تەڭشەشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرمەسلىك، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلىشتىن ۋە قاتتىق ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش، مەسىلەن، سۇغا سەكرەش، پۇتبول تېپىش، ئېگىزگە سەكرەش، يۈگۈرۈش قاتارلىق كۆز قىسمىنى سىرتتىن زەخىملەندۈرىدىغان ۋە باش قىسمى قاتتىق چايقىلىدىغان ھەرىكەتلەردىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.

  تۆتىنچى، تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىش، ساغلام غىزالىنىش كېرەك.

  بەشىنچى، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ، نەرسىلەر شەكلى ئۆزگەرگەندەك كۆرۈنسە ياكى قارا سايە توسۇۋالغاندەك بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلسە، تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

  ئالتىنچى، يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كىشىلەر بولۇپمۇ كۆز تېگىدە مەسىلە بار ياكى ئېغىر يىراقنى كۆرەلمەيدىغان ئاغرىقلار قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك.

  يەتتىنچى، قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە كۆز تېگىنى تەكشۈرتۈپ، بالدۇر ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بالىلار ۋە ياشلار يېرىم يىلدا بىر قېتىم كۆز تېگىنى تەكشۈرتۈشى، ياشانغانلار ۋە «ئۈچ يۇقىرى» كىشىلەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ