مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى لازىنىڭ ئالتە چوڭ پايدىسى بار

2020.06.04 16:40 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  يېڭى لازا تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى كۆكتاتلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدا يەنە B ئائىلىسىدىكى ۋىتامىن، كاروتىن ھەمدە كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق كۆپ خىل مىنېرال ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلايدۇ. ھازىر بار بولغان كىتابلار ۋە تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، لازا تەركىبىدىكى ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىسىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان:

  1. ئۈچەي يولى ياللۇغىنى تىزگىنلەش.

  لازىنى مۇۋاپىق يەپ بەرگەندە ئاشقازاننى ئىللىتىپ سوغۇقنى ھەيدەيدۇ. لازا تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالالىرى ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ كاپزائىتسىن ئۈچەي يولىدىكى مىكرو ئورگانىزملار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە ئۈچەي يولى ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۈچەي يولى ياللۇغىنى تىزگىنلەيدۇ. 2. يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىنى ياخشىلاش. كاپزائىتسىن قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنى كېچىكتۈرۈشكە پايدىلىق. ئۇزۇن مۇددەت كاپزائىتسىننىڭ يېمەك-ئىچمەككە ئارىلىشىشى، ئىچكى تېرىگە تايىنىدىغان قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلايدىكەن، بۇ لازىنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن. يەنە تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، لازا خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، خەتەرلىك قان نوكچىسى ھاسىل بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىدىكەن.

  3. ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.

  يېڭى لازا تەركىبىدىكى ۋىتامىن C ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئەركىن رادىكالغا قارشى تۇرىدۇ، تېرىگە بەلگىلىك پايدىسى بار.

  4. ئورۇقلاشقا ياردىمى بار.

  كاپزائىتسىن ياغنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ، ئېغىرلىقى ئارتىپ كېتىش ۋە سەمىرىپ كېتىشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئالدىنى ئالىدۇ.

  5. راكقا قارشى تۇرۇش.

  2016-يىلى «سۈت بېزى راكى: نىشان ۋە داۋالاش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: كاپزائىتسىن سۈت بېزى راكى ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەيدۇ. 2017-يىلى، ئامېرىكا كوننېكتىكات ئىشتاتى داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، لازىنى مۇۋاپىق يېگەندە ئۈچەي يولى ئۆسمىسىنى تىزگىنلەپ، بىمارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدىكەن. 2019-يىلى، ئامېرىكا مارشال داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، كاپزائىتسىن راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى توسۇش رولىغا ئىگە ئىكەن. 6. مىكروب ئۆلتۈرۈپ ئاغرىق توختىتىش.

  كاپزائىتسىننىڭ يەنە نۇرغۇن دورىلىق رولى بار، مەسىلەن: ئاغرىق توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قىچىشىشنى توختىتىش، مىكروب ئۆلتۈرۈش، ئۈششۈكنى داۋالاش ۋە رېماتىزمنى يوقىتىش قاتارلىقلار. كىلىنىكىدىكى بەزى ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنىڭ تەركىبىدە كاپزائىتسىن بار.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ