مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يەتتە خىل يېمەكلىك قاندىكى شېكەرنى چۈشۈرۈشكە ياردەم بېرىدىكەن

2019.12.06 16:32 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  1، باش پىياز

  باش پىياز كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىك. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر پىيازنىڭ دىماقنى غىدىقلايدىغان ھىدىنى قوبۇل قىلالمايدۇ، قاندىكى شېكەر مىقدارى يۇقىرى بىمارلارغا نىسبەتەن ئۇنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ياردىمى بار.

  2. زىسەي

  زىسەيمۇ ناھايىتى ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ، زىسەي تەركىبىدە مول ئوزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، مەلۇم سەۋىيەدە قاندىكى شېكەرنى چۈشۈرۈش رولى بار.

  3. سۇلۇ

  سۇلۇ قاندا شېكەر ماددىسى يۇقىرى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ناھايىتى ياخشى تاللاش. چۈنكى سۇلۇنىڭ تەركىبىدە شېكەر مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، قاندا شېكەر مىقدارى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ يېمەك- ئىچمەك پىرىنسىپىغا ماس كېلىدۇ.

  4. سامساق

  سامساقنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش، ئۆسمىنى يوقىتىش، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، قان تومۇرلارنى ئاسراش، جىگەرنى ئاسراش قاتارلىق رولى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سامساقنىڭ قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش رولىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكى، دىيابېت بىمارلىرىنىڭ يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ئىكەنلىكى بايقالدى. سامساقنى خام يېيىشكىمۇ، پىشۇرۇپ يېيىشكىمۇ، دۈملەپ يېيىشكىمۇ ياكى خۇرۇچ ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

  5. قارا مور

  قارا مور تەركىبىدە مور پولىساخارىد، ۋىتامىن قاتارلىقلار بار بولۇپ، تەركىبىدىكى پولىساخارىدنىڭ قاندىكى شېكەر مىقدارىنى چۈشۈرۈش رولى بار، بىمارلار دائىم مور يەپ بەرسە بولىدۇ، مورنى سەي قورۇپ يېسىمۇ، شورپا قىلىپ ئىچسىمۇ، قوشۇمچە ماتېرىيال قىلسىمۇ بولىدۇ.

  6. مويۈ

  مويۈ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، تالا ماددىسى يۇقىرى يېمەكلىك. تاماقتىن كېيىن قاندىكى شېكەرنىڭ ئۆرلەپ كېتىشنى ئۈنۈملۈك چۈشۈرىدۇ. مويۈ تەركىبىدىكى ئۈزۈم ماننىتول پولساخارىتى دىيابىت بىمارلىرىنىڭ قاندىكى شېكەر ماددىسىنى چۈشۈرۈشىدە نىسبەتەن ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە. ئۇنىڭ سۇنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى تۆۋەن بولغاچقا، تويۇنۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، قورساق ئېچىش تۇيغۇسىنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇنداقلا بەدەن ئېغىرلىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، شۇڭا دىيابېت بىمارلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك يېمەكلىكى بولالايدۇ.

  7. ئاچچىق كاۋا

  قەدىمدىكى ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ئاچچىق كاۋا قەنت كېسىلىنى داۋالىيالايدىكەن (بۇ ھازىرقى دىيابېت كېسىلىگە ئوخشايدىكەن). ھازىرقى زامان كېلىنكىسىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاچچىق كاۋىدىن ئايرىۋېلىنغان ماددىنىڭ قاندىكى شېكەر ماددىسىنى كۆرۈنەرلىك چۈشۈرۈش رولى بار ئىكەن، ئاچچىق كاۋا تابلىتىنىڭ دىيابېت كېسىلىنى ئۈنۈملۈك داۋالاش نىسبىتى %79.3كە يېتىدىكەن. ئاچچىق كاۋىنى مايدا قورۇپ يېسىمۇ، سوغۇق سەي قىلىپ يېسىمۇ، ياكى سۈيىنى چىقىرىپ قۇرۇتقاندىن كېيىن چايغا چىلاپ يېسىمۇ بولىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ