كاربون سۇ بىرىكمىسى: بىر مۇشتۇمچىلىك بولۇش. مۇشتۇمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن بىر ۋاق يەيدىغان يېمەكلىك مىقدارى (كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى ئېھتىياجلىق مىقدارى)نى تاللاش، مەسىلەن، موما، خۇاجۈەن، گۈرۈچ تامىقى قاتارلىقلار. مېۋىنىڭ بىر كۈنلۈك ئېھتىياجلىق مىقدارى بىر مۇشتىنىڭ چوڭلۇقىغا تەڭ كەلسە بولىدۇ.
ئاقسىل: بىر ئالىقانچىلىك بولۇش. 50 گرام ئاقسىل (تۇخۇم، كالا گۆشى، راك قاتارلىقلار) ئالىقاننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، كىچىك بارماقنىڭ قېلىنلىقىغا تەڭ كەلسە بولىدۇ. ھەر كۈنى 50 گىرامدىن 100 گىرامغىچە ئاقسىل ئىستېمال قىلغاندا، بىر كۈنلۈك ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.
كۆكتات: ئىككى تۇتام بولۇش. ئىككى تۇتام كۆكتات مىقدارى 500 گىرامغا تەڭ كېلىدۇ، ھەر كۈنى 500 گىرامدىن 1000 گىرامغىچە كۆكتات ئىستېمال قىلسا ئېھتىياجنى قاندۇرغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەن كاربونلۇق سۇ بىرىكمىلىك كۆكتاتلار، مەسىلەن، يېشىل پۇرچاق، دوۋيا، جۈەنشىنسەي قاتارلىقلار.
ياغ: باش مالتاقچىلىك بولۇش. ياغ (سېرىق ماي، ئۆسۈملۈك مېيى)غا چەك قويۇش ئۈچۈن، ھەر كۈنى پەقەت باش مالتاقچىلىكلا ئېستىمال قىلىش كېرەك.
ئورۇق گۆش مىقدارى: بىر بارماق قېلىنلىقتا، ئىككى بارماق كەڭلىكتە بولۇش. كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ قېلىنلىقى بىلەن ئىككى بارماقنىڭ (كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئوتتۇرا بارماق بىرلەشتۈرۈلگەن) ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ئوخشاش بولغان قارا گۆش 50 گرامغا تەڭ بولۇپ، بىر كۈنلۈك ئېھتىياجنى قاندۇرالايدۇ.
تۇز، جياڭيۇ قاتارلىق تېتىتقۇلارنىڭ تەركىبىدە ناترىي ئىئونى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن، ئاش تۇزىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى كۈنىگە 6 گىرام ئىچىدە چەكلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەركىبىدە تۇز بولغان يېمەكلىكلەرمۇ چەكلىنىدۇ، مەسىلەن، تېتىتقۇ، جياڭيۇ، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىك، تەم تەڭشىگۈچ قاتارلىقلار.
ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى سۇ ئىچىپ تۇرۇشىمىز كېرەك، يېمەك-ئىچمەك تەركىبىدىكى سۇدىن باشقا، ھەر كۈنى 1500 - 2000 مىللىلىتىر ئىلمان قايناقسۇ (6-8 ئىستاكان سۇ) ئىچىشىمىز كېرەك. ئاقسىللىق يېمەكلىكلىرىنى كۆپ ئېستىمال قىلغاندا، چېنىقىش كۆپ بولغاندا، تەر كۆپ چىققان ئەھۋال ئاستىدا سۇنى كۆپ ئىچىش كېرەك.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى