كۆپلىگەن كىشىلەر يورۇتۇش ئەسۋابلىرى ۋە چىراغ تاللىغاندا، كۆپىنچە ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇشنى چىقىش قىلماي، رەڭدار چىراغلارنى ئورنىتىپ رومانتىكىلىق ۋە ھەشەمەتچىلىكنى قوغلىشىدۇ. بىلىش كېرەككى، رەڭلىك چىراغ نۇرى كۆرۈش قۇۋىتىگە زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، چوڭ مېڭە مەركىزىي ئالىي نېرۋىسىنىڭ ئىقتىدارىنىمۇ زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
تېببىي مۇتەخەسسىسلەرىنىڭ قارىشىچە، يېقىننى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كۆز ئىشلىتىش ئادىتىدە ئىپادىلەنمەستىن، بەلكى كۆرۈش مۇھىتىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدىكەن. مۇھىت ئاسرايدىغان، ساغلام، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ۋە ئازادە ‹‹زىيانسىز يورۇقلۇق مۇھىتى›› يارىتىش ئۈچۈن، كۆركەم، بىخەتەر، تېجەشلىك بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشتىن باشقا، مۇنداق بىرقانچە نۇقتىنى ئويلىشىش كېرەك.
ئوخشىمىغان بوشلۇق، سورۇن ۋە ئوبيېكتقا نىسبەتەن ئوخشىمىغان يورۇتۇش شەكلى ۋە چىراغ تاللاش ھەمدە يورۇتۇش دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇش لازىم. مەسىلەن، ياتاق ئۆيگە ئىللىق، رومانتىكىلىق تۇيغۇ بېرىدىغان؛ كىتابخانا ۋە ئاشخانىغا يورۇتۇشى كۈچلۈكرەك بولغان؛ تازىلىق ئۆيىگە يورۇتۇشى سۇسراق بولغان چىراغلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم.
چىراغ نۇرى ۋە يورۇتۇش ئەسۋابلىرىنى تاللاش، لايىھىلەشتە مۇنداق نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش: بىرىنچىدىن، زىننەت چىراغلار بىلەن ئۆي جاھازىلىرىنى ماسلاشتۇرۇش؛ ئىككىنچىدىن، ئۆي ئىچىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى، ئېگىزلىكى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن چىراقنىڭ چوڭلۇقى، تۈرى ۋە سانىنى تاللاش؛ ئۈچىنچىدىن، رەڭنىڭ ماسلىشىشىغا يەنى سوغۇق رەڭلەر بىلەن ئىللىق رەڭلەرنى ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش لازىم.
كۆزنى چېقىشتىن ساقلىنىش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش. يورۇقلۇق مەنبەسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يورۇقلۇقنىڭ چۈشۈش يۆنىلىشىنى ۋە كۈچلۈك- ئاجىزلىقىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، يورۇقلۇقنىڭ بىۋاستە كۆزگە چۈشۈشىدىن ساقلىنىش، يورۇتۇش ئەسۋابىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، چىراغ نۇرىنىڭ بىردەم كۈچىيىپ، بىردەم خىرەلىشىدىن ياكى بەك چاقناپ كېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ