مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يازدا ئۆي بېزەشتە سالقىنلىق تۇيغۇسى بېرىدىغان رەڭلەرنى ئىشلىتىش

2019.11.29 16:22 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  كىشىگە سالقىنلىق تۇيغۇسى بېرىدىغان ئاق رەڭ، ئوچۇق زەڭگەررەڭ، ھالرەڭ، كۈمۈشرەڭ قاتارلىق رەڭلەرنى ئۇستىلىق بىلەن دەل جايىدا ئىشلەتكەندە، ئۆي ئىچى كىشىگە ئازادىلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ.

  ئاق رەڭ: پىژغىرىم ئىسسىقتىكى ئەڭ مۆتىدىل رەڭ بولۇپ، ئۆينىڭ ھەممە يېرىنى ئاق رەڭدە بېزىگەندە ئادەم بەلكىم زېرىكىشلىك ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئاق رەڭ بىلەن باشقا رەڭلەرنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرغاندا، ئۆي ئىچى كىشىگە كۆركەم ھەم سالقىنلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ.

  ھال رەڭ: ئۆيگە ھال رەڭ بىلەن ئاق رەڭ ئارىلاشقان پەردە، كىرلىك، بېزەكلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈللەر پۈركەنگەن ياز مەنزىرە سۈرىتى ئېسىلسا، ئۆي ئىچى راھەت ھەمدە كۆڭۈللۈك تۈسكە كىرىدۇ.

  يېشىل رەڭ: تومۇز يازدا ئۆي ئىچىنى گۈللەر بىلەن بېزىگەندە، ئادەمنىڭ كەيپىياتى ياخشىلىنىدۇ. يازدا ئۆي ئىچىنى بەك قېنىق رەڭ بىلەن بېزىمەسلىك كېرەك. گۈللەرنى ئۈستى-ئۈستىگە زىچ تىزىۋەتمەي، ئاددىي ھەم نەپىس قىلىپ تىزسا ھەقىقىي ياز مەنزىرىسى شەكىللىنىدۇ.

  كۆك رەڭ: يازدا ئۆي بېزەشتە تاللايدىغان رەڭلەر گەرچە كۆپ بولسىمۇ، ئەمما كۆك رەڭ ئالدى بىلەن كۆزدە تۇتۇلىدىغان سالقىن رەڭ ھېسابلىنىدۇ. كۆك رەڭ كىشىگە خۇددى دېڭىز بىلەن ئاسمان تۇيغۇسىنى بېرىدۇ. ئۆي بېزىگەندە كۆك رەڭنى كۆپ ياكى ئاز ئىشلىتەيلى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى دەل جايىدا گەۋدىلەندۈرۈپ ئۆي بېزەشتىكى ئاساسىي تېما بولالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ