مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىنا ئۆيلەردە ...

2019.11.29 16:21 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  1. بىنا ئۆيلەرنىڭ ھاۋاسى بىر خىل قۇرغاق بولىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق قۇرغاق ھاۋا ( مۇھىت ) دا ياشىغاندا نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە گېرىپتار بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، بىنا ئۆيلەردە تۇرۇۋاتقانلار ياتاق ئۆيلىرىگە ئىمكان بار ئوكسىگېن ئىشلەپچىرىدىغان، نەملىكنى ئۇزاق مۇددەت ساقلىيالايدىغان گۈللەرنى قويۇش كېرەك، قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

  2. بىنا ئۆيلەرنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق بولغاچقا، ئۇن، گۈرۈچ ۋە يەل – يېمىشلەرگە ئاسانلا قۇرت چۈشۈپ قالىدۇ، شۇڭا بۇلارغا دورىلىق قىممىتى يۇقىرى بولغان كاۋاۋىچىن مېۋىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغاندا قۇرت چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، شۇنداقلا سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزمەي، ئۇزۇن مۇددەت ساقلىغىلى بولىدۇ.

  3. بىنا ئۆيلەرنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇش، ئوكسىگېن مىقدارىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ياتاق ئۆيلەرگە داس قاتارلىق نەرسىلەرگە سۇ ئېلىپ قويۇپ قويسا ياخشى بولىدۇ. سۇنى ئاز دېگەندىمۇ ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

  4. بىنا ئۆيلەرنى ھەر خىل ماتېرىياللار بىلەن زىننەتلەيمىز، بۇ ماتېرىياللارنىڭ پۇرىقى ئۇزاق مەزگىل ساقلىنىپ ئاسانلىقچە يوقىمايدۇ، بۇنداق غەيرىي پۇراقلار ئۇزاق مۇددەت ئۆي ئىچىدە ساقلانسا ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭلاشقا ئىشكاپلارنىڭ ئىچىگە، ئاسان كۆزگە چېلىقمايدىغان ئورۇنلارغا كاۋاۋىچىن ئۆسۈملۈكىنىڭ مېۋىسىنىڭ قويۇپ قويساق پۇراق تېز يوقايدۇ.

  5. بىنا ئۆيلەردە گۈللەرگە ھەر كۈنلۈكى سۇ قۇيۇۋەرگەچكە گۈل تەشتىكىدە كۆك رەڭلىك بىر خىل زەيكەشلىك ھەم غەيرىي پۇراق پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا گۈل تەشتىكىنىڭ توپىسىنى بوشىتىپ تەشتەكنىڭ تېگىنى شامالدىتىش كېرەك، ئىككى ئۈچۈ ھەپتىدە بىر قېتىم تەكرارلاپ بەرگەندە غەيرىي پۇراق تەلتۆكۈس يوقايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ