مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىلىۋېلىڭ

2019.11.29 16:20 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  قىش كىرىشى بىلەن شىمالدىكى نۇرغۇن شەھەرلەردە پار بىلەن تەمىنلەش باشلىنىدۇ. كىشىلەر ئۆيىنىڭ سوۋۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، دېرىزىلىرىنى پات–پات ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرمايدۇ. نەتىجىدە ئىشىك– دېرىزىلەر ھىم ئېتىلگەن ئىسسىق ئۆيدە بەزى بۇلغىنىش مەنبەلىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ. بۇ خىل بۇلغىنىش مەنبەلىرى قانداق كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنىڭدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟

  دېرىزىنى پېچەتلەش. بېيجىڭدىكى لۈ خانىم مارتتا دېرىزە يوچۇقلىرىنى ھىملاتقۇزۇۋەتكەندىن كېيىن ئۆيىدە بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان غەيرىي پۇراق پەيدا بولغان، قىش كىرىشى بىلەن ئۇ يەنە ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن بۇ پۇراق تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن. ئۆي ھاۋاسىنى تىزگىنلىگۈچى خادىم تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ غەيرىي پۇراقنىڭ دېرىزە پېچىتىدىكى پارلىنىشچان ئورگانىك بىرىكمە تەركىبىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بايقىغان. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، پېچەت ئەسلىدىنلا پارلىنىشچان ئورگانىك بىرىكمىلەرنى ئاجرىتىپ چىقىرىدىكەن، يەنە كېلىپ پېچەتلەش داۋامىدا ئىشلىتىلگەن يىلىممۇ بىر خىل بۇلغىنىش مەنبەسى بولۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆي ھاۋاسىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىكەن. ئادەتتە كىشىلەر ئاچچىق پۇراقنى پۇرىغاندا پېچەتتىن ئىبارەت بۇ بۇلغىنىش مەنبەسىگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆينى زىننەتلىگەن ياكى دېرىزىنى پېچەتلىگەندە چوقۇم ئۆلچەملىك ماتېرىيال تاللاش، بولۇپمۇ پار بىلەن تەمىنلىنىدىغان مەزگىلدە غەيرىي پۇراقنىڭ بار– يوقلۇقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.

  تاختاي. ھازىر مەيلى يېڭى ئۆينى زىننەتلەش ياكى كونا ئۆينى قايتا زىننەتلەشتە بولسۇن ئۆي ئىگىلىرى بىردەك يەردىن ئىسسىتىش قۇرۇلمىلىرىنى تاللايدۇ. بىراق، تاختاينىڭ مۇۋاپىقىنى تاللىمىغاندا ئۆيدە بۇلغىنىش پەيدا بولۇشى مۇمكىن. دۆلەتلىك ئۆي مۇھىتى ۋە ئۆي مۇھىتىنى ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇدىرى سوڭ گۇاڭشېڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، تېمپېراتۇرا قانچە يۇقىرى بولسا فورمالىن قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىش مىقدارى شۇنچە كۆپ، سۈرئىتىمۇ شۇنچە تېز بولىدىكەن. پېچەتلىۋېتىلگەن ئۆيدە زىيانلىق ماددىلارنىڭ مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىپ، ئۆيدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن تاختاي تاللىغاندا مۇھىت ئاسرايدىغان، ئۆلچەملىكلىرىنى تاللىغاندىن سىرت، تاختاينىڭ ئىسسىقلىقىنى 28 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشۇرماسلىق، پات–پات ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، ئۆينىڭ 24 گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. مۇشۇنداق بولغاندا كىشى ئۆزىنى راھەت ھېس قىلىدۇ.

  پار تۇرۇبىسىنى سىرلاش. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆينى زىننەتلىگەندە چىرايلىق قىلىمەن دەپ پار تۇرۇبىلىرىنىمۇ نەچچە قەۋەت سىرلىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پار بېرىلگەندىن كېيىن بۇلغىنىش پەيدا بولىدۇ. سىرنىڭ تەركىبىدە فورمالىن، بېنزېن قاتارلىق بۇلغانما ماددىلار بولۇپ، ئىسسىغاندا بۇ ماددىلار ناھايىتى تېز تارقىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆي بېزىگەندە پار تۇرۇبىلىرى سىرلىۋېتىلسە، پار كەلگەن مەزگىلدە دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئىمكان بار سىرلاش ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈپ، پار تەمىنلىنىش ۋاقتى بىلەن بولغان ئارىلىقنى ئۇزارتىش لازىم. شۇنداق قىلغاندا سىر تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلار تولۇق تارقىلىپ كېتەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دېرىزە ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇشنىڭ سالامەتلىككە ھېچقانداق زىيىنى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن پار بىلەن تەمىنلىنىدىغان مەزگىلدە ئۆينى بەك ھىملىۋالماستىن زىيانلىق ماددىلارنى چىقىرېۋېتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ