مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شوخلىنى پىشۇرۇپ يېگەن ياخشى

2019.11.29 16:19 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  تومۇز ئىسسىقتا نۇرغۇن كىشى شوخلا يەپ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما ئۇلار شوخلىنى خام يېگەندە ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساسىي يوقلۇقىنى بىلمەيدۇ.

  شوخلىدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق تەركىب لىكوپېرزىتسىن بولۇپ، ئۇنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشتا ئۈنۈمى ياخشى بولغاچقا، «ئالتۇن ئۆسۈملۈك»دەپ تەرىپلىنىدۇ. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، بۇنداق ماددا مەزى بېزى ئۆسۈپ قېلىش ۋە بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئازايتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، لىكوپېرزىتسىننىڭ يەنە ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى ياخشى ئىكەن. شوخلىنى قىزىتىپ ياكى ياغدا قورۇپ ئىستېمال قىلغاندا بەدەننىڭ لىكوپېرزىتسىننى قوبۇل قىلىشى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. چۈنكى شوخلىنى قىزىتقاندىن كېيىن شوخلىنىڭ ھۈجەيرە دىۋارى بۇزۇلۇپ، لىكوپېرزىتسىن تولۇق ئاجرىلىپ چىقىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، شوخلىنى خام يېگەندە ئازراق ياغ ئارىلاشتۇرۇۋەتسىمۇ لىكوپېرزىتسىننىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىش مىقدارى ئاشىدىكەن. لېكىن، بۇنداق قىلغاندا ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى شوخلىنى قىزىتىپ يېيىش كېرەك.

  بەزىلەر: شوخلىنى قىزدۇرغاندىن كېيىن ۋىتامىن Cزىيانغا ئۇچرىمامدۇ ؟ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. شوخلىدا مېۋە كىسلاتاسى مول بولۇپ، شوخلىنى قىزدۇرغاندىن كېيىن مېۋە كىسلاتاسى ۋىتامىن C نى مۇئەييەن قوغداش رولىنى ئوينايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا، باشقا كۆكتاتلاردا ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى شوخلىدىن كۆپ بولغاچقا، شوخلىنى قىزدۇرۇپ يېگەندە زىيانغا ئۇچرايدىغان ۋىتامىن C باشقا كۆكتاتلار ئارقىلىق تولۇقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، لىكوپېرزىتسىن شوخلا تەركىبىدىلا ئەڭ كۆپ . شۇڭا ، قىزدۇرۇلغان شوخلا ياكى شوخلا قىيامىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ