چىش يۇيغۇزۇش چىشقا زىيانلىقمۇ؟
ئۆسەك سۆزلەر
چىش يۇيغۇزغاندىن كېيىن چىش ئارىچى چوڭىيىپ، چىش بوشاپ كېتىدۇ، سوغۇق سۇ ئىچسىمۇ قايناق سۇ ئىچسىمۇ ئادەمنى بىئارام بولىدۇ، شۇڭا چىش يۇيغۇزۇش چىشقا زىيانلىق.
ھەقىقىي ئەھۋال
چىش يۇيغۇزۇشتىكى مەقسەت ھەرگىزمۇ چىشنى ئاقارتىش بولماستىن، بەلكى، چىشتىكى باكتېرىيە، پىگمېنت قاتارلىقلارنى تازىلاشتۇر. چىش يۇيغۇزۇش ئارقىلىق چىشتا ئۇيۇپ قالغان تاشنى تازىلىۋەتكەندە، چىش يىلتىزى قايتىدىن كۆرۈنۈپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چىش تېخىمۇ سەزگۈرلىشىپ مەيلى سوغۇق ياكى قىزىق سۇ ئىچسىمۇ چىش قامىغاندەك ھېس قىلىدۇ. چىش ئارىچى چوڭىيىپ كېتىش، چىش بوشاپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار شۇ كىشىنىڭ چىشىدا ئەسلىدىلا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بەلكىم، چىش مىلىكى يىگىلەشكە باشلىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بۇ ئەھۋاللار چىش يۇيدۇرۇش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان دېيىش توغرا ئەمەس.خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ