كۆپىنچە كىشىلەر ئۆي ئىچى قاراڭغۇراق بولسا، ئادەمنىڭ ئاسان ئۇيقۇسى كېلىدۇ ھەم راھەت ئۇخلايدۇ، دەپ قارىغاچقا نۇر توسىدىغان پەردە ئاسىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئادەم سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ كۈن نۇرىدىن ھۇزۇرلانغاندا، كېچىسى ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولىدۇ. نۇر توسىدىغان پەردە سەھەردىكى كۈن نۇرىنى توسۇۋالغاچقا، ئادەمنىڭ بەدىنى نۇرنى قوبۇل قىلالماي ئۇيقۇدىن ئويغىنىشى تەسكە توختايدۇ.
شۇڭا پەردە سېتىۋالغاندا يىپەك پەردىلەرنى ياكى ئادەتتىكى پەردىلەرنى سېتىۋېلىش، ئامال بار بەك قېلىن پەردىلەرنى سېتىۋالماسلىق كېرەك. ئەگەر نۇر توسىدىغان پەردە سېتىۋالغان بولسڭىز، سەھەردىكى كۈن نۇرىنىڭ ئۆيگە چۈشۈشى ئۈچۈن پەردىنى تولۇق يېپىۋەتمەي، ئاز دېگەندە 10 سانتىمېتر يوچۇق قالدۇرۇپ قويسىڭز بولىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ