مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈزلۈك چىلاننى قانداق تاللايمىز؟

2019.11.27 18:25 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  كۈزلۈك چىلان خېبېي، شەندۇڭ، سەنشى قاتارلىق جايلاردا كەڭ تېرىلىدۇ. پىشىش مەزگىلى ھەر يىلى 10-ئايدىن 11-ئايغىچە بولىدۇ، بۇ كۈز پەسلىگە توغرا كېلىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭغا كۈزلۈك چىلان دەپ ئىسىم قويۇلغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ساخارىنلىق كۈزلۈك چىلان» توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالدى. بۇ سۈپەتسىز، سورتى تۆۋەن كۈزلۈك چىلاننى ساخارىنغا چىلاپ، ئۇنىڭدىكى شېكەر ماددىسىنى ئاشۇرۇپ، رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ، قىممىتىنى ئۆستۈرۈش دېگەنلىكتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا ئېيتىلغان ساخارىن ناترىي ساخارىننى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئىشلىتىش مۇددىتى ئۇزۇن، تالاش-تارتىش كۆپ بولۇۋاتقان بىر خىل تېتىتقۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى دۆلەت ئۆلچەملىك يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆلچىمى» (GB 2760-2014) دە بەلگىلىنىشىچە، ساخارىننى مەلۇم چەك ئىچىدە كۆپ خىل يېمەكلىككە ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، لېكىن يېڭى مېۋە-چېۋىگە قوشۇشقا بولمايدىكەن.

  ئۇنداقتا ساخارىن قوشۇلمىغان كۈزلۈك چىلاننى تاللاشنىڭ قانداق ئۇسۇلى بار ؟

  1. رەڭگىگە قاراش. رەڭگىنى كۆزىتىپ تەبىئىي قىزارغان ياكى، يېشىل-قىزىل ئارىسىدا كۆرۈنەرلىك پەرق بار-يوقلۇقىغا قاراش كېرەك.

  2. يۈزىنى سىيلاش. چىلاننىڭ يۈزى سىيلىق، ئېتى چىڭ، قاتتىق بولسا ئىشەنچىلىك بولىدۇ.

  3. بىرەر تالنى تېتىپ كۆرۈش. تەمى «باشتىن-ئاخىر تاتلىق» بولسا بۇ ساخارىن قوشۇلمىغان كۈزلۈك چىلان بولىدۇ، ساخارىن قوشۇلغىنىنى تېتىغاندا، دەسلەپتە تاتلىق، ئاخىرىدا چۈچۈمەل بولىدۇ، ساخارىنلىق چىلاننى يۇيغان سۇمۇ تاتلىق تەمگە كىرىپ قالىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ