مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قانداق يوتقاننىڭ يېپىنىشىڭىزغا ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ (2)

2019.11.27 18:24 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  قوي يۇڭىدىن تىكىلگەن يوتقان — بەدەنگە ئەڭ يېپىشىپ تۇرىدۇ

  قوي يۇڭى تالاسىنىڭ يۆگىمەچلىشىش ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى يۇقىرى. ئۇنىڭدىن باشقا، قوي يۇڭىنىڭ بەدەنگە يېپىشىشچانلىقى ياخشى. قوي يۇڭى يوتقىنىنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش، نەملىك سۈمۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغاچقا، ئۇخلىغاندا كۆپ تەرلەيدىغانلار ۋە رېماتىزم بىمارلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ.

  تالالىق يوتقان — باھاسى ئەرزان تالالىق يوتقاننىڭ باھاسى ئەرزان، تالالىق يوتقاننى يېپىنىپ ئۇخلاپ تەرلىگەندىن كېيىن، نەملىكنىڭ تارقىلىشى سەل تەسكە توختايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تالالىق يوتقان كۈز ۋە ئەتىياز پەسلىدە ئاسان زەرەتلىنىدىغان بولغاچقا، تېرىنى غىدىقلايدۇ.

  يىپەك يوتقان — مۇھىت ئاسرايدىغان يوتقان

  ئەڭ سۈپەتلىك يىپەك يوتقان %100 پىلە مەشۇتىنى ماتېرىيال قىلغان بولىدۇ. پىلە قۇرتى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ھەر خىل خىمىيەۋىلىك بۇيۇملار بىلەن ئۇچراشسا بولمايدىغان بولغاچقا، پىلە مەشۇتىنى ماتېرىيال قىلغان يىپەك يوتقان بىر قەدەر مۇھىت ئاسرايدىغان يوتقان دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. يىپەك يوتقان يۇمشاق، ئىسسىق، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى بولۇپ، كانا، مىكروب پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇڭا بەزى تېرىسى سەزگۈر كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ