مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قانداق يوتقاننىڭ يېپىنىشىڭىزغا ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ (1)

2019.11.27 18:24 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  يوتقاننىڭ تۈرى كۆپ، مەسىلەن پاختا، مەشۇت، مامۇق، قوي يۇڭىدىن تىكىلگەن يوتقانلار. يوتقاننىڭ قانداق ماتېرىيالدا تىكىلىشى ئۇنىڭ سۈپىتى ۋە راھەتلىك دەرىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  مامۇق يوتقان ـ ئەڭ يېنىك

  مامۇق يوتقان ئاساسلىقى غاز ياكى ئۆردەك مامۇقىنى ماتېرىيال قىلىدىغان بولۇپ، ئىككىسىنى سېلىشتۇرغاندا غاز مامۇقى ئۆردەك مامۇقىغا قارىغاندا ياخشىراق. ئادەتتە، مامۇق تەركىبى %50تىن يۇقىرى بولغان يوتقان ئەلا سۈپەتلىك مامۇق يوتقان ھېسابلىنىدۇ.

  مامۇق يوتقاننىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك، بۇنىڭدىن سىرت، مامۇق يوتقاننىڭ نەملىك سۈمۈرۈش، تەر ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى بولغاچقا، يوتقاننىڭ پاكىز، ئادەم بەدىنىنىڭ قۇرغاقلىقىنى ساقلاپ كىشىگە راھەتلىك بېغىشلايدۇ. مامۇق يوتقان يېنىك ھەم يۇمشاق بولغاچقا، ئادەم بەدىنىنى بېسىۋالغاندەك تۇيغۇ بەرمەيدۇ، شۇڭا يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى، قان ئايلىنىشى ياخشى بولمىغان بىمارلار ھەمدە ياشانغانلار، ھامىلىدارلار ۋە بالىلارنىڭ يېپىنىشىغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

  پاختا يوتقان ـ ئەڭ ئومۇملاشقان

  پاختا ئەنئەنىۋى ئىسسىقلىق ساقلاش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. پاختا تالاسى ئىنچىكە، تەبىئىي بۈدۈر، كەسمە يۈزىدە بوشلۇق بولغاچقا ئىسىسقلىق ساقلاشچانلىقى بىر قەدەر ياخشى، شۇ سەۋەبتىن كۆپىنچە كىشىلەر پاختا يوتقان ئىشلىتىدۇ.

  پاختا يوتقان ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار، ھامىلىدارلار، بوۋاقلار، بالىلار، خىمىيەلىك تالا مەھسۇلاتلىرىغا زىيادە سېزىمچان كىشىلەر، كاناي ياكى زىققا كېسىلى تۈرىدىكى بىمارلارنىڭ يېپىنىشىغا ماس كېلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ