1. يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلار توي قىلماسلىق، ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش
2. توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان قىز-يىگىت تەشەببۇسكارلىق بىلەن تويدىن بۇرۇنقى تېببىي تەكشۈرۈش قاتارلىق تويدىن بۇرۇنقى ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلىش
3. مۇۋاپىق يېشىدا تۇغۇش، يېشى چوڭىيىپ كەتكەندە تۇغۇشتىن ساقلىنىش (يەنى 35 ياشتىن يۇقىرىلارنى كۆرسىتىدۇ)
4. پىلانلىق ھامىلىدار بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، تاسادىپىي ھامىلىدار بولۇشنى ئازايتىش
5. ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا ھامىلىدارلىققا تەييارلىق كۆرۈش
6. ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش
7. ھامىلىدار بولۇشنى پىلانلىغان ئەر-خوتۇنلار ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى سۈپەتلىك تۇغۇش بويىچە سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىش
8. جەمەت بويىچە ئىرسىيەت كېسىلى تارىخى بارلار ياكى ناچار ھامىلىدار تۇغۇت تارىخى بار ئەر-خوتۇنلار داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ قاراتمىلىقى بولغان مەسلىھەت ۋە يېتەكچىلىكنى قوبۇل قىلىش
9. ئۆز كېسىلىنى پائال داۋالاپ، ياخشى بولغان ھامىلىدار بولۇش شارائىتىنى ساقلاش
10. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئېھتىيات بىلەن دورا ئىشلىتىش، زۆرۈر بولغاندا دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىش
11. ئاز مىقداردا يوپۇرماق كىسلاتاسى(叶酸) تولۇقلاپ، ھامىلىنىڭ نېرۋا نەيچىسىنىڭ كەمتۈك يېتىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
12. گلوبىن ھاسىل بولۇش توسقۇنلۇققا ئۇچراش خاراكتېرلىك قان ئازلىق كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلاردىكى ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ گلوبىن ھاسىل بولۇش توسقۇنلۇققا ئۇچراش خاراكتېرلىك قان ئازلىق بويىچە تەكشۈرتۈش
13. ۋاقتىدا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىپ، قەرەللىك ھالدا تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش
14. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ساقلاش
15. تۇنجى قېتىملىق تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشتە، ئەيدىز، سىفلىس، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش
16. ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى ئۇلتىرا ئاۋازلىق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىپ، ھامىلىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە غەيرىي يېتىلىپ قېلىشىنى ۋاقتىدا بايقاش
17. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۇغۇتتىن ئىلگىرى تاڭشى (唐氏) يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بويىچە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش
18. بوۋاقلارنى يېڭى تۇغۇلۇشى بىلەنلا ۋاقتىدا ئالاقىدار كېسەللىكلەر بويىچە تەكشۈرتۈش
19. نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلار قەرەللىك ھالدا بالىلارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلىش
20. بوۋاقلار تۇغما كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا ۋاقتىدا داۋالاش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە مەشق قىلدۇرۇش