تەتقىقاتتدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىم تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ سالامەتلىككە كۆرۈنەرلىك پايدىسى بار ئىكەن. گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخلىق جايلاردا تۇرغاندا يۇقىرى قان بېسىمى تۆۋەنلەپ، 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، بالدۇر تۇغۇش ۋە روھى بېسىمى يۇقىرى بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ئىسپانىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئاۋستىرالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق 20 دۆلەتتىن كەلگەن 290 مىليون پارچە سانلىق مەلۇماتنى تەھلىل قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى كىشلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى بىلەن تەن سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ باغلىنىشلىقىنى تەتقىق قىلغان. ئۇلار دائىم تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىدىغان كىشىلەرنىڭ يېشىللىق بىلەن ئۇچراشمايدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا، ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇپلا قالماي، يەنە قان بېسىمى، يۈرەك رېتىمىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۆلگەي تەركىبىدىكى كورتىزول مىقدارىنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكىنى بايقىغان. كورتىزول مىقدارى دېگىنىمىز سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ روھىي بېسىمغا بەرداشلىق بېرىشىدىكى فىزىئولوگىيەلىك بەلگىسى بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنىڭ تېخىمۇ ساغلاملىقىنى بىلدۈرىدىكەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ