مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈز پەسلىدە چاچ چۈشسە قانداق قىلىش كېرەك؟

2019.09.30 12:10 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  كۈز پەسلىدە چاچ كۆپ چۈشسە، باش تېرىسىنى ئۇۋۇلاشنى سىناپ باقسا بولىدۇ. جۇڭگو ھۆسن تۈزەش جەمئىيىتى جۇڭگو تېبابىتى ھۆسن تۈزەش شۆبە جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور ياڭ دىڭچۈەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئادەتتە باش تېرىسىنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق جىڭلونى راۋانلاشتۇرۇپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، قاننى جانلاندۇرۇپ چاچ ئۆستۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئىككى قولنى باش تېرىسىگە تىك قىلىپ، ئالدى چاچ پاسىلى سىزىقىدىن ئارقا چاچ پاسىلى سىزىقىغىچە، جىڭلونىڭ يۈرۈش يۆنىلىشىنى بويلاپ يېنىك ئۇرۇپ، ئالدى-كەينى قىلىپ، كېيىن ئاستا-ئاستا ئىككى تەرەپكە يۆتكەپ، باش تېرىسىنى ئۇۋۇلىسا بولىدۇ. ھەر قېتىم بەش مىنۇتتىن ئەتىگەن-كەچتە بىر قېتىمدىن ئۇۋۇلاش كېرەك. دەسلەپتە سەل يېنىكرەك قىلىپ، ئاستا-ئاستا كۈچەش كېرەك، باش تېرىسى سەل ئاغرىسا مۇۋاپىق بولىدۇ، تىرناق، ئۇچلۇق چىشلىق تارغاق، قاتتىق نەرسىلەر بىلەن ئۇرماسلىق، ئامال بار باش تېرىسىنى كۈچەپ ئۇۋۇلىماسلىق كېرەك. بولمىسا تۈك خالتىسىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ. ئادەتتە تارغاقنى بارماق بىلەن باش تېرىسىنى تاراپ ئۇۋۇلاشقا بولىدۇ، تارغاقنىڭ ماتېرىيالى ئەڭ ياخشىسى ياغاچتىن ياسالغان ياكى كالا مۈڭگۈزىدىن ياسالغان، تاغاق چىشى شالاڭ، چىشى ئۇچلۇق، دۈگىلەك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

  كۈز پەسلىدە چاچ چۈشۈشكە تاقابىل تۇرۇشتا، باش تېرىسىنى مۇۋاپىق ئۇۋۇلاشتىن باشقا يەنە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ دائىم ئۇچرايدىغان چاچ ئاسراش ئۇسۇلى بولسا تەركىبىدە تۆمۈر، كالتسىي، سىنك قاتارلىق مىنېرال ماددىلار ۋە ۋىتامىنA ، B ، C ھەمدە ئاقسىل تەركىبى بىر قەدەر كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشنى تەۋسىيە قىلىشتىن ئىبارەت. ئوزۇقلۇق تولۇقلاشتىن باشقا، ھەر كۈنى يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش، بۇنداق قىلغاندا كۈچ-قۇۋۋەت ئۇرغۇپلا قالماي، چاچ ئاسراشقىمۇ پايدىلىق، يەنە ياخشى روھىي ھالەت بولۇشى، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: قارا گۈرۈچ، قارا كۈنجۈت، ئۈجمە مېۋىسى، ئالقات، چىلان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مىكرو ئېلېمېنتلار مول يېمەكلىكلەر بولۇپ، تۆمۈر، سىنك ماددىسى يۇقىرى بولغان بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، بۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ چاچنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر بەزى كىشىلەر چېچىنى بەك جىق يۇيىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھەپتىدە ئىككى قېتىم يۇيساقلا كۇپايە، ھەر كۈنى يۇيۇش چاچقا زىيانلىق، چاچنى ئاز بوياپ، ئاز بۈدرە قىلىش كېرەك، بولمىسا چاچ بويىقى ۋە بۈدرە قىلىش سۇيۇقلۇقى تۈكنى غىدىقلاپ، تۈك خالتىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ