مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆيلىنىش تۇرمۇشىمۇ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىشى كېرەك

2019.07.31 17:45 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  توي قىلغاندىن كېيىن، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى ئوخشاش بولمىغان ياش مەزگىلىگە قارىتا ئاكتىپلىق بىلەن پائال تەڭشەش كېرەك. ئۇنداقتا ئوخشىمىغان ياش بۆلىكىدە قايسى خىل ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلاش كېرەك؟ چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭغا قارىتا كۆرسەتمە بەردى.

  20 نەچچە ياش مەزگىلىدە، توقۇنۇشقا بىۋاسىتە يۈزلىنىدۇ. ئىككى ياش توي قىلىشتىن بۇرۇن، مۇھەببەتلەشكەندە تۇرمۇش توغرىسىدا كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشىدۇ، قاچان بالىلىق بولۇش، چىقىم مەسىلىسىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ئامالنىڭ بارىچە قارشى تەرەپ قوشۇلمايدىغان تۇرمۇش نىشانىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. لېكىن توي قىلغاندىن كېيىن، ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى زىددىيەت ئىپادىلىنىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۆزىنى قاچۇرۇش، كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىش مۇمكىن ئەمەس. مەسىلە ئۆزلۈكىدىن ھەل بولمايدۇ، يەنىلا ئىككى تەرەپ تەڭ ھەل قىلىشى كېرەك. ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولغاندا، ھەربىرەيلەن ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئېيتىشى كېرەك.

  30 نەچچە ياش مەزگىلىدە، دىققەت جىنسىي تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇشقا مەركەزلىشىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئاياللار 30 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئاكتىپلىق بىلەن ئېرىغا يېقىنچىلىق قىلىدۇ. ئوراندو مۇنداق تەكلىپ بەردى: «ئاياللار ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئېرىغا ئەركىلەپ، قىزغىن مۇھەببەت پەيدا قىلسا، كۆپ تەرەپتىن مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلسا تامامامەن بولىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدىن پۇرسەت تېپىپ جىنسىي تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چوقۇم تەشەببۇس قىلىش كېرەك.»

  40 نەچچە ياش مەزگىلىدە، ئىتتىپاقلىق بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. ئامېرىكا ۋاشىنگتون داشۆسى جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلىمى پىروفېسسورى پېب شۇۋازنىڭ كۆرسىتىشىچە، دەل مۇشۇ پەيتتە بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بالا نۇرغۇن ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتىنى قىيىن ئەھۋالدا قويىدىكەن. ئەڭ ياخشى تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى، ئەر-خوتۇن بىرلىكتە پەرزەنت مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەككەن. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: بالا تەربىيەلەش مەسىلىسىگە قارىتا، مۇھىم قارار چىقارماقچى بولغاندا، ئاۋۋال ھەمراھى بىلەن مەسلىھەتلىشىشى كېرەك.

  50 نەچچە ياش مەزگىلىدە، يېڭى ھالەت قۇرۇش كېرەك. بۇ مەزگىلدىكى ئەر-خوتۇننىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى تەس بولۇپ، ئىككەيلەن بارغانسېرى بىر-بىرىنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. چۈشىنىش ۋە تەنقىد قىلماي قارشى تەرەپنىڭ قارىشىنى ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋالسا، بەلكىم ئەر-خوتۇننىڭ قايتىدىن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشىغا ياردىمى بولۇشى مۇمكىن. ئىلگىرىكى قىزغىنلىق بەلكىم بارا-بارا چېكىنىپ، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا يېڭى ئارىلىشىش ئەندىزىسىنى تېپىپ چىقىپ، ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، ئىككىيلەن بىرگە بېرىپ يېڭىلىقلارنى ئۆگىنىپ، بىرگە ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشىغا قاتنىشىشى كېرەك.

  60 -70 ياش مەزگىلىدە، مۇھەببەتلىك تۇرمۇشقا قايتىدۇ. ھەركۈنى ھېچ ئىش قىلماي بىللە تۇرۇش نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلارغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى تۇرمۇش ھالىتى ئەمەس. بۇنداق چاغدا ئاكتىپلىق بىلەن ھەرخىل پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ھېرىپ ئۆيگە قايتقاندا سىرتتا ئۇچرىغان ئىشلار ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشمۇ، كونا ئەر-خوتۇنلارغا نىسبەتەن ناھايىتى قىممەتلىك.

  ئۇنىڭدىن باشقا، توي قىلىپ نەچچە ئون يىلدىن كېيىن، نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلار رومانتىك تۇرمۇشنى توختىتىپ قويىدۇ، لېكىن ئادەتلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ھەرقانداق ياش مەزگىلىدە ئەر-خوتۇنلار ئوخشاشلا قىزغىن، يېقىن بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۇ رومانتىك ھەرىكەتلەر يوقاپ كەتكىلى ئۇزۇن بولغان بولسا، ئۇلارنى ئۆيلىنىش تۇرمۇشىغا قايتىدىن باشلاپ كىرىش كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ