مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«گۈزەللىك قىلتىقى»دىن ئېھتىيات قىلىپ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش قارىشىنى توغرىلاش كېرەك

2019.07.31 17:43 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  مەكتەپ پۈتكۈزۈش پەسلى ۋە يازلىق تەتىلنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، سودىگەرلەر نەزەرىنى يەنە ئىستېمال ئىقتىدارى پەيدىنپەي ئېشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار توپىغا مەركەزلەشتۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە، كۆپلىگەن داۋالاش-ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئاپپاراتلىرىمۇ يازلىق تەتىللىك ئىقتىساد رىقابىتىگە قوشۇلدى. «يازلىق تەتىلدە تېز گۈزەل بولۇش» «مەكتەپ پۈتكۈزۈش پەسلى ھۆسن تۈزەش مەخسۇس پائالىيىتى» قاتارلىق داۋالاش-ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈرلۈك ناملاردىكى ئېلانلىرىنىڭ ھۇجۇمى ئارقىسىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى پەيدىنپەي زورىيىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋالاش-ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش-ھۆسن تۈزەش بازىرى بار.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشكە بولغان ئېھتىياجى كۈچلۈك بولماقتا. كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزگىرىشنىڭ گۈزەل رۇخسارغا ئىگە بولۇشتىن باشلىنىدىغانلىقىغا، چىرايلىق تاشقى كۆرۈنۈشنىڭ داڭلىق داشۆ دىپلومىغا ئوخشايدىغانلىقىغا قاتتىق ئىشىنىدۇ. ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلار «سەنئەت ساھەسىگە كىرەلمىسەك، تور چولپىنى بولساقمۇ مەيلى» دېگەن خىيالدا بولىدۇ. 2018-يىللىق بىر داۋالاش-ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ساھەسى تەتقىقاتى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، داۋالاش-ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشنى تاللىغان ئىستېمالچىلار ئارىسىدا 19 ياشتىن تۆۋەنلەر %18.81نى، 20ياشتىن 25 ياشقىچە بولغانلار %40.41نى ئىگىلەيدىكەن، بۇ ئىككى باسقۇچتىكىلەر قوشۇلۇپ %60كە يېقىنلىشىدىكەن.

  ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتقىنىدەك، 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. يېشى كىچىك تۇرۇپ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشنى تاللىسا، بىرىنچىدىن، گۈزەللىك قارىشى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكتىن، بالىلار ئاسانلا قارىغۇلارچە مودىغا ئەگىشىپ قالىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بالىلارنىڭ ئۇستىخانلىرى ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا بولغاچقا، يېنىكلىك بىلەن ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى خەۋپ-خەتىرى بولىدۇ. يەنىمۇ ئېغىر ئەھۋال بولسا، بەزى گۈزەللىك قوغلىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار «ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش-ھۆسن تۈزەش قەرزى» بېرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ نۇقتىلىق نىشانىغا ئايلىنىدۇ-دە، ئوقۇغۇچىلار ھەرخىل «ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش قەرزى»لىرىگە بوغۇلىدۇ، چىرايلىق بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، خىزمەتمۇ يوققا چىقىدۇ...

  ئەمەلىيەتتە، «گۈزەللىك قىلتىقى»دىن ئېھتىيات قىلىشتا، بىر جەھەتتىن، ساھە بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنسىز تىجارەتكە زەربە بېرىش كېرەك؛ يەنە بىر جەھەتتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش قارىشىنى توغرىلاشقا تېخىمۇ تايىنىش كېرەك. رېئاللىقتىكى ئىجتىمائىي رىقابەتتە، «گۈزەل رۇخسار» راستىنلا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلەمدۇ؟ ياخشىلار بىلەن يامانلار ئارىلىشىپ كەتكەن داۋالاش-ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش بازىرىدا، «ياساش»تىن كەلگەن گۈزەللىكنىڭ بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەت قىلىش كېرەك؟ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشقا ئىنتىلىشنى كۆپ ئەيىبلەپ كېتىشكە بولمىسىمۇ، بىراق ئوقۇغۇچىلار چىراي ۋە ئىقتىدار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا تونۇشى، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشنىڭ ھەمىشە «قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش» پۇرسىتى ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇشى كېرەك. ئەگەر رىقابەت كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى بولسا، ئەلۋەتتە ئۆز بىلىمى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇغۇچىلار ئىقتىسادىي جەھەتتە يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇشى، شۇنداقلا ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈشتىن بۇرۇن، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، خىيىم-خەتەرنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە تۆۋەنلىتىشى كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ