باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

ياشلار زىيادە مۇسكۇل چىقارسا يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭسىزلىنىش خەۋپى كېلىپ چىقىدۇ

2019.07.18 18:03         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېنىقىشنىڭمۇ چېكى بولۇشى كېرەك. ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياشلار چېنىققاندا زىيادە مۇسكۇل چىقارسا يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭسىزلىنىش خەۋپىگە دۇچار بولۇشى، ئېغىر بولغاندا ھەتتا يۈرەك زەئىپلىشىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.

  نەچچە كۈن ئىلگىرى «خەلقئارا غىزالىنىش توسالغۇسى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، بەزى ياشلار مۇسكۇل چىقىرىش ئۈچۈن تاماق تىزىملىكىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ياغ ۋە كاربون-سۇ بىرىكمىلىرىنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىپ، ئۆزىنى زىيادە مەشىقلەندۈرۈشكە مەجبۇرلايدىكەن ۋە بەدەن شەكلىگە زىيادە دىققەت قىلىدىكەن، بۇ «مۇسكۇل يېتەكلەش تىپىدىكى يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭسىزلىقى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن، چېكىدىن ئاشقان ئەھۋالدا ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىك ۋە زىيادە ھەرىكەت قىلىش سەۋەبىدىن يۈرەك زەئىپلىشىش كېلىپ چىقىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىق يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە توسالغۇسى ۋە خامۇشلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  تەتقىقاتچىلار 11 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان 14 مىڭ 891 ئامېرىكىلىق ياش-ئۆسمۈرنى ئوبيېكت قىلىپ، يەتتە يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، تەخمىنەن %22 ئوغۇل ۋە %5 قىزدا بۇ خىل يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭسىزلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكى بايقالغان. مۇسكۇل چىقىرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى كۆپ مىقدارلىق ياكى بىنورمال بولغان، ۋە ياكى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش دورىسى، بىرىكتۈرۈش مېتابولىزمى تۈرىدىكى ئىسترول قاتارلىقلارنى ئىچكەن.

  تەتقىقاتنىڭ 1-ئاپتورى، كالىفورنىيە داشۆسى سان فىرانسىسكو شۆبە مەكتىپىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلار تېبابىتى بۆلۈمىنىڭ دوكتورى جەيسىن يۇڭتيەن مۇنداق دېدى: ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى دورا بولسا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ قاراڭغۇ رايونى بولۇپ، چېكىدىن ئاشقان ئەھۋالدا جىگەر ۋە بۆرەكنى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن، ھالبۇكى بىرىكتۈرۈش مېتابولىزمى تۈرىدىكى ئىسترول قاتارلىق ھورمونلار قىسقا مۇددەت ۋە ئۇزاق مۇددەتتە ئوخشاشلا ساغلاملىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، ئۇرۇقدان يىگىلەش، نورمال يېتىلمەسلىك ۋە يۈرەك كېسەللىكى قاتارلىقلار. مۇسكۇل چىقىرىدىغانلار كۆپىنچە ساغلاملىقنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلىدۇ، شۇڭا، مۇسكۇل چىقىرىش كەلتۈرۈپ چىقارغان يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭسىزلىقى نېرۋا خاراكتېرلىك ئىشتىھاسىزلىق كېسىلى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئاسان بايقالمايدۇ.

  بېيجىڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر