باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

 ئوتتۇرا ياشتا تۇرمۇش ئادىتى ياخشى بولسا، مېڭىنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدۇ

2019.07.18 18:02         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، «ئامېرىكا ياشانغانلار تېبابىتى ئىلمىي جەمئىيىتى ژورنىلى»غا بېسىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش بەلكىم ئوتتۇرا ياشتىن باشلىنىپ، 20 يىل ئەتراپىدا سىجىل تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

  بۇ تەتقىقاتقا 2285 سىناققا قاتناشقۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، كۆپىنچىسى 65 ياشتىن تۆۋەنلەر ئىكەن. تەتقىقاتچىلار يۇقىرى سەزگۈر ئۆلچەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى، كۆرۈش ئىقتىدارى ۋە پۇراش سېزىمىنى ئۆلچىگەن، سىناققا قاتناشقۇچىلار يەنە دىققىتىنى يىغىش، پىكىر قىلىش ۋە قارار چىقىرىش ئىقتىدارى، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ۋە ئالاقە ئىقتىدارى سىنىقىنى قوبۇل قىلغان. تەتقىقاتچىلار بارلىق سىناق نەتىجىسىنى بىرىكتۈرۈپ، سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى باھالىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسى ۋە باشقا بىئوخىمىيەلىك كۆرسەتكۈچىلىرىنىمۇ تەكشۈرۈپ، ئاندىن مۇكەممەل بولغان ساغلاملىق «ئوبراز»ىنى بېكىتكەن.

  تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە چوڭ مېڭىنىڭ قېرىش مۇمكىنچىلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش سىگىناللىرى: تاماكا چېكىش، بەل ئايلانمىسى يوغىناش، ياللۇغلىنىش ياكى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. دىيابىت بىمارلىرىنىڭ كېيىنكى بەش يىلدا چوڭ مېڭىدە قېرىش ئەھۋالى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ چوڭ بولىدىكەن. مېڭە قىسمى يېنىك يارىلانسا چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا ئۇزاق مەزگىلگىچە تەسىر كۆرسىتىدىكەن، مېڭە زەخمىگە ئۇچراش تارىخى بار كىشىلەردە چوڭ مېڭە قېرىش خەۋپى %77 ئاشىدىكەن. مەيۈسلىنىش كېسىلىمۇ بۇ تۈردىكى خەۋپنى ئاشۇرىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، دائىم بەدەن چېنىقتۇرىدىغان كىشىلەردە چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدىكەن، قانچە بالدۇر ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللىسا، ياشانغان ۋاقىتتىكى جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق سۈپىتىنى شۇنچە بالدۇر ياخشىلىغىلى بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر